Uyghur←Chinese主要词典
تومسېن
دۇنيا تارىخى
汤姆森
tāng mǔ sēn
(1788 - 1865) دانىيە ئارخېئولوگى. ياش ۋاقتىدا كۆپېنھاگېن دۆلەت باشقۇرۇشىدىكى شىمالىي ياۋرۇپا قەدىمكى ئەسۋاب - جابدۇقلار مۇزېيى (ھازىرقى پادىشاھ مۇزېيى) دا ئىشلىگەن، كېيىن مۇشۇ مۇزېيىنىڭ باشلىقى بولغان. ئىنسانىيەت جەمئىيىتى دەسلەپكى ماددىي مەدەنىيىتى تەرەققىياتى تاش قورال، برونزا قورال ۋە تۆمۈر قورالدىن ئىبارەت ئۈچ دەۋرنى باشتىن كەچۈرگەن، دېگەن تەلىماتنى تەشەببۇس قىلغان ھەمدە 1818 -يىلى تۇنجى قېتىم قەدىمكى ئەسۋاب - جابدۇقلارنى ئۈچ دەۋر تەلىماتى بويىچە رەتلەپ كۆرگەزمە قىلغان. 1836 - يىلى <قەدىمكى زاماندىكى شىمال ھەققىدە مۇقەددىمە> نى ئېلان قىلىپ، تارىختىن ئىلگىرىكى ئارخېئولوگىيىلىك تەتقىقاتقا ئاساس سېلىپ بەرگەن. بۇ خىل دەۋرگە بۆلۈش ئۇسۇلى ئارخېئولوگىيە ساھەسىدەبۈگۈنگىچە قوللىنىلماقتا. <شىمالىي ياۋرۇپا قەدىمكى زامان ئىلمىدىن ئىپتىدائىي ساۋات> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.
تارىخ
脱母森
tuō mǔ sēn