Uyghur主要词典
تومپاي
مەنىداش سۆزلۈكلەر
غەرەز ئۇقمايدىغان كىشى.
تومپاينى تويغا ئېيتما. گىرىنى گاچا چۈشىنەر.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
قورساق، بەدەنلىرى تومپايغان، سەمرىپ كەتكەن.
مېنى دەسسىمەكچى بولغان شاپ بۇرۇت، قاپقارا، تومپاي بىر كىشىنى بۆلەك ئىككى ئادەمنىڭ چىڭ قۇچاقلاپ تۇتۇۋالغانلىقىنى كۆردۈم.
كۆچمە. قارا قورساق، ساۋاتسىز، بىلىمسىز.
بىز ئاددىي، تومپاي ئادەملەر، گەپلىرىمىزنى ئېغىر ئالمىسىلا.
- تېخى ئۇلارنىڭ تىلىنىڭ قوپاللىقىچۇ! - دەپ سۆز قىستۇردى ئىككىنچىسى، - نەدىكى سەھرالىق تومپايلارنىڭ گەپلىرى.