Uyghur主要词典
توم
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
جىلد.
« ماۋ زېدۇڭ تاللانما ئەسەرلىرى » نىڭ 4 _ تومى.
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت
ئايلانمىسى چوڭ، قاتلىمى قېلىن. ئانىتونىمى: ئىنچىكە، نېپىز.
توم يىپ.* توم ئارغامچا.* توم كىتاب.* توم نان.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
چوڭ ھەجىملىك كىتابلارنىڭ ئايرىم قىسىملىرى.
« ماۋزېدۇڭ تاللانما ئەسەرلىرى » نىڭ تۆت تومى ئىككىنچى قېتىم نەشىر قىلىندى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئەقىل - پاراسەتكە يۆلەنمەي، قارا كۈچكە يۆلىنىپ ئىش كۆرۈپ، يامان ئاقىۋەت كەلتۈرىدىغان.
«يوغانباش» كۆپىنچە باشباشتاق، ئۆزۈمچىل كىشىگە قارىتىلىدۇ. كېيىنكى ئىككى ئىبارە «قارام» نىڭ تەسۋىرىي كۆرۈنۈشى.
قارامنىڭ ئەقلى- قوتازنىڭ ئەقلى. توم گىرىنى تويغا يولاتما. يوغانباش يۇرت بۇزىدۇ. ئۇ - ئەپلاتوننىڭ زەنجىرىنى ئۈزىدىغان نېمە، ئىشنىپ ئىش تاپشۇرۇشقا بولمايدۇ. بۇنىڭ قولىدىن ھەر بالا كېلىدۇ، - دەپ ئويلىدى مىرغەزەپ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
توغرا كەسمىسى، ئايلانمىسى چوڭ (ياغاچ، ئارغامچا، يىپ قاتارلىق بويلام نەرسىلەر ھەققىدە).
دېرىزىنىڭ سىرتىغا توم پولات زىخچىلاردىن قىلىنغان پەنجىرە قويۇلغان بولۇپ، ھازىر ھېچ نەرسە بۇزۇلمىغانىدى.
قېلىن، چوڭ.
توم كىتاب. توم نان.
ئۇ يۈرىكىنى توم قىلىپ، ئاستا كۆزىنى ئاچتى.
كۈچلۈك، يوغان (ئاۋاز ھەققىدە).
توم ئاۋاز.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە<گرېكچە
بىرقانچە كىتاب قىلىپ تۈپلەنگەن ئەسەر، ھۆججەت، ماتېرىياللارنىڭ ھەربىر كىتابى. جىلد