Uyghur主要词典
تولغانماق
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
پاراكەندە بولماق، ئاغرىماق، ئاغرىنماق؛ ئۆزگەرمەك، ئايلانماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
<تولغىماق> پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى.
ئۆينىڭ ئوتتۇرىسىدا تولغىنىپ ئىككى ئەجدىھا ياتقانىكەن.
<تولغىماق> پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.
سىم تولغاندى. جۈمەك تولغاندى.
ئىككى تەرەپكە تەۋرىنىپ، يۆگىلىپ ھەرىكەت قىلماق.
ئانار قەدىمىنى يۆتكىگەندە، ئۇنىڭ تېقىمىغا چۈشۈپ تۇرغان بىلەكتەك توم، قاپقارا چاچلىرى يىلاندەك تولغىنىپ تۇراتتى.
ئۆزىنى ئىختىيارسىز ھالدا ئۇ يان - بۇ يان تاشلىماق، بۇرۇلماق.
ئەكبەر ئۇلار ھەربىر تەپكىنىدە بىر تولغىناتتى.
كۆچمە. قاتتىق ئازابلانماق؛ دەرد - ئەلەم چەكمەك.
ئاكىسى ئېسىگە كەلسىلا، ھېلىمئاخۇننىڭ ئۆپكىسى ئۆرلەيتتى. بىراۋ يۈرەك - باغرىنى سۇغۇرۇپ تاشلىغاندەك تولغىناتتى.