Uyghur主要词典
تولا
مەنىداش سۆزلۈكلەر
سان - مىقدار جەھەتتىن چوڭ.
«مول، ئەلۋەك» ماددىي بايلىق، ئىلىم - بىلىم، تەجرىبە - ساۋاقلار، نازۇنېمەتلەرنىڭ كۆپ ۋە تۈرلۈك ئىكەنلىكىگە قارىتا ئېيتلىدۇ.
«زىيادە، ئارتۇق، ئوشۇق» تېگىشلىك ساندىن ئېشىپ چۈشكەن «كۆپ» كە قارىتىلىدۇ.
«كەرۇ» تۇرپان شېۋىسىدە كۆپ.
كۆپ يۈرگەن كۆپ ياشىغاندىن كۆپ بىلەر. جىق تۇخۇم باسقان مېكىيان بىر چۈجىمۇ چىقىرالماس. نۇرغۇن ھەقىقەتلەر دەسلىپىدە بىھۆرمەتلىك ھېسابلانغان. ئىش تولا، كۆمۈر ئاز. كۇچادا مېۋە ئاۋۇن. سۈيىڭ غول - ھوسۇلۇڭ مول. زىياپەتتە نازۇنېمەتلەر ئەلۋەك ئىكەن. سۈيى ئەلۋەك يەرنىڭ زىرائىتى ئوخشايدۇ. ئۆلۈك سۆز زىيادە سۆزلەنسە، توغرىمۇ سەپسەتە بولار. ئارتۇق بايلىق باش يارماس. ئوشۇق گەپ ئېشەككە يۈك. مول تەجرىبە توپلىماق بەسى مۈشكۈل. تەجرىبە قىلمىشتۇر دانالار بىسيار. دوپپىلىق باش كۇرمىڭنى باشتىن كەچۈرەر. بۇنداق ئىنتزامغا خىلاپ ئىشلار بىزدە ۋاچچىدا.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يامغۇرنىڭ ئۇششاق مۇز ھالىتى.
<مەندىر> قۇمۇل شېۋىسىدە قوللىنىلىدۇ.
يامغۇردىن قېچىپ، مۆلدۈرگە يولۇقۇپتۇ. تولا چۈشسە تۈڭلۈك تېشەر. قۇمۇل قوشىقىدا مۇنداق كەلگەن:
قار بىلەن مەندىر يېغىپتۇ،
كەلمە يارىم ئىز بولۇر.
ئاخشام كېلىپ ئەتە يانساڭ،
بارچە خەققە سۆز بولۇر.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
سان، مىقدار جەھەتتە چوڭ.
ئاز، كەم
سان، مىقدار جەھەتتىن كىچىك.
ئاز بولسا، ساز بولار. ئاز سۆزلە، كۆپ ئاڭلا. ئاز كۆرگەن كۆپ تېڭىرقار. ئازنى دەپ كۆپتىن قۇرۇق قاپتۇ. كۆپ سۆز دېگەن كۈكۈن، ئاز سۆزلىگەن ئالتۇن. ئاز بولسىمۇ كۆپكە تاۋاب، ئاز يېگەن كۈندە يەر، جىق يېگەن نېمە يەر. ئازمۇ يېتەر، كۆپمۇ تۈگەر. جىقنى دەپ ئازدىن قۇرۇق قاپتۇ. تولا سايرىغان بۇلبۇل قەپەسكە چۈشەر. تەڭرىنىڭ كۈنى تېرىقتىن تولا. نۇرغۇن يەرلەرنى كۆردۈم، ئۆز يۇرتقا يەتمەيدىكەن. ئاۋۇن بولسا تۈگەر، كەم بولسا يېتەر. سۈيۈڭ غول، ھوسۇلۇڭ مول.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. سان، مىقدار جەھەتتىن كۆپ، نۇرغۇن، جىق.
تولا گەپ. تولا سۆزلىمەك.
ئى. مەلۇم بىر سان ياكى مىقدار تەركىبىنىڭ كۆپرەكىنى تەشكىل قىلغىنى، كۆپ ساندىكىسى.
ئاخىرى ساقاللىرى قاردەك ئاقارغان، ئۆمرىنىڭ تەڭدىن تولىسى مۇشۇ گۇندىخانىدا ئۆتكەن بىر مەھبۇسنىڭ مەسلىھەتى ئۈنۈم بەردى.
رەۋ. بەك، كۆپ، ناھايىتى، غايەت.
- سەن تولا چالۋاقىماي، ئەزالار ئالدىدا ئۆزۈڭنى تەكشۈرۈشكە تەييارلان، - دېدى ئاسىم.
رەۋ. ئۇزۇن، ئۇزاق.
بۇ كۈنلەردە دادام بەكمۇ ئالدىراش ئىدى. كۈندۈزى كۆرۈشەلمەيتتۇق، ئاخشاملىرى تولا ساقلاپ، ئاخىرى ئۇخلاپ قالاتتىم.