Uyghur主要词典
توكۇماسا پەرمانى
دۇنيا تارىخى
(1863-1957)ياپونىيىدە شوگنات ئېلان قىلغان يەر سودىسىنى ۋە قەرزدارلىق مەجبۇرىيىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش پەرمانى. كاماكۇرانىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، سامورايلار كۈنسېرى نامراتلىشىپ، سامورايلار يەرنى رونىگە قويدىغان ياكى ساتىدىغان ئەھۋال يۈز بەرگەن.1295-يىلى بارگاھ سامورايلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن <توكۇماسا پەرمانى> نى ئېلان قىلىپ،ئۇلارنىڭ قەرزدارلىق مەجبۇرىيىتىنى بىكار قىلىۋەتكەن، يەرلەرنى قايتۇرۇۋالغان. مۇروماچى دەۋرىدە مەزكۇر پەرمان كۆپ قېتىم ئېلان قىلىنغان،قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن دېھقانلارمۇ مۇشۇ پەرماننى ئېلان قىلىشنى تەلەپ قىلىشنى چاقىرىق قىلىپ،بۇتخاناۋە جازانىخور سودىگەرلەرگە ھۇجۇم قىلىپ، رەنىگە قويۇلغان نەرسىنى قايتۇرۇۋېلىپ،تىلخەتلەرنى(<توكۇماسا قوزغىلىڭى> غاقاراڭ)كۈيدۈرۈپ تاشلىغان. توكوگاۋا شوگۇنلىقىغا كەلگەندە، <ئالۋانياساقنى بىكار قىلىش> دەپ ئاتالغان، ئۇنىڭ خاراكتېرى توكۇماسا پەرمانىغا ئاساسەن ئوخشاش بولغان.ياپونىيىنىڭ مۇروماچى دەۋرىدە دېھقانلار شوگناتنىڭ <توكۇماسا پەرمانى>نى ئىلان قىلىشنى تەلەپ قىلىش يۈزىسىدىن كۆتۈرگەن قوزغىلاڭ.1428-يىلى ئومى(بۈگۈنكى سىگا ناھىيىسى)دىكى دېھقانلار شوگناتنىڭ پەرمان چىقىرىپ، قەرزنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشىنى تەلەپ قىلغان؛نارا،كيوتو ئەتراپىدىكى دېھقانلار بۇنىڭغا ئاۋاز قوشقان. ئەمەلىيەتتە،شوگناتنىڭ پەرمانى چىققىچە، دېھقانلار جازانىخورلارنىڭ ئۆيلىرى ۋە ئامبارلىرىغا بېسىپ كىرىپ، گۆرۈگە قويۇلغان نەرسىلەرنى تارتىۋالغان ۋە تىلخەتلىرىنى كۆيدۈرۈۋەتكەن. يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ، سېلىقنى يېنىكلىتىشنى تەلەپ قىلغان، ئاشۇرۇلغان باجنى تاپشۇرۇشقا قارشى تۇرغان. 1144-يىلى(جياجىنىڭ بىرىنچى يىلى)كيوتونى مەركەز قىلغان ھالدا كەڭ كۆلەملىك قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلگەن، بارگاھ<توكۇماسا پەرمانى>نى ئېلان قىلىشقا مەجبۇر بولغان. 1454-يىلى(شاڭدېنىڭ 3-يىلى)يەنە كەڭ كۆلەملىك قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلۈپ، جازانىخورلارغا قارشى بۋاسىتە ھەرىكەت قوللانغان. بارگاھ <توكۇماسا پەرمانى>نى ئېلان قىلىشقا مەجبۇر بولغان.1485-يىلى(ۋېنمىڭنىڭ 17-يىلى) ئومى، ياماتو (بۈگۈنكى كيوتو ۋىلايىتىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدا)ۋە ئوياماتو(بۈگۈنكى نارا ناھىيىسى) دە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلگەن ھەمدە بىر قىسىم سامورايلار بىلەن بىرلىشىپ، شوگناتنىڭ <توكۇماسا پەمانى>نى ئېلان قىلىشىنى تەلەپ قىلغان. مۇنداق قوزغىلاڭلارغا شوگنات تاقابىل تۇرۇشقا ئامالسىز قالغان.