Uyghur主要词典
توكۇدا كۈچى
دۇنيا تارىخى
(1894 - 1953) ياپونىيە كومپارتىيىسىنىڭ ئاساسچىلىرى ۋە رەھبەرلىرىنىڭ بىرى. ئوكىناۋا ناھىيىسىدىكى ناگو شەھىرىدە تۇغۇلغان. ياپونىيە داشۆسىنىڭ مەخسۇس شۆيۈەنىنى پۈتتۈرگەن. 1920 - يىلى ياپونىيە سوتسىيالىستىك ئىتتىپاقىنى قۇرۇشقا قاتناشقان. 1922 - يىلى ياپونىيە كومپارتىيىسىنى قۇرۇشقا قاتناشقان، مەركىزىي كومىتىت ئەزالىقىغا سايلانغان. 1924 - يىلى بىكار قىلغۇچىلار پارتىيىنى تارقىتىش توغرىسىدا قارار چىقارغاندىن كېيىن، ۋاتانايې ماسانوسۇكې قاتارلىق كىشىلەر بىلەن بىللە پارتىيىنى يېڭىۋاشتىن قۇرۇش خىزمىتىنى ئېلىپ بارغان. ئوڭچىل ۋە سولچىل ئاغمىچىلىققا قارشى تۇرغان. 1928 - يىلى 2 - ئايدا قولغا ئېلىنىپ، تۈرمىدە باش ئەگمەي مەردانىلىك بىلەن كۈرەش قىلغان. 1945 - يىلى 10 - ئايدا تۈرمىدىن چىققان. شۇ يىلى 12 - ئايدا ياپونىيە كومپارتىيىسىنىڭ 4 - قۇرۇلتىيىدا مەركىزىي كومىتېت ئەزالىقىغا ۋە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى سېكرىتارى ياتىنىڭباش سېكرىتارلىقىغا سايلانغان. 1946، 1947،1949 - يىللىرى ئۇدا ئۈچ قېتىم ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان، 1950 - يىلى 6 - ئايدا ئامېرىكا ئىشغالىيەتچى دائىرلىرى <تەرتىپكە سېلىش - تازىلاش> نى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، مەركىزىي كومىتېتنىڭ باشقا 32 نەپەر ئەزاسى بىلەن بىللە مەخپىي ئىشلەشكە مەجبور بولغان. 1953 - يىل 10 - ئاينىڭ 14 - كۈنى بېيجىڭدا كېسەل بىلەن ئۆلگەن. <تۈرمىدە ئۆتكەن 18 يىل> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.