Uyghur主要词典
تويماس
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تويمايدىغان، نەپسىنى يىغمايدىغان.
«شۈمشۈك» ، «ئاشۇرىغى» قۇمۇل شېۋىسىدە قوللىنىلىدۇ.
ئاچكۆز تويماس، بېخىل بېيىماس. ئاچكۆزنىڭ قورسىقى تويسىمۇ، كۆزى تويماس. بىرى ئاچپاقىلىقتىن ئۆلىدۇ، بىرى ئاچتىن ئۆلىدۇ. تويماسنى تويدۇرالمىدىم، بولماسنى بولدۇرالمىدىم. باي تولا يېسە خوردان دەر، نامرات تولا يېسە ئوپقان دەر. نەپسى يامان ھېيتتا ئۆلەر. نەپسى يامان ھەممىدىن قۇرۇق قالار. نەپسى بالا ئاغزى كۆيمىسە، كۆمۈر چوغىنى يەۋېتىشتىن يانمايدۇ. قارنى يامان ھېيتتا ئۆلەر. ئاچ بەچچىغەردىن قاچ بەچچىغەر. ئاچنىڭ ئاچچىقى يامان. ئاچ ئۆيدە قېتىق ئۇيىماس.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
يېگەن - ئىچكەنگە قانائەت قىلمايدىغان، يېمەك - ئىچمەككە قاتتىق بېرىلگەن. ئاچ ئادەم
توق ، كۆزى توق
يېگەن - ئىچكەنگە قانائەت قىلىدىغان، يېمەك - ئىچمەكككە ئانچە بېرىلمەيدىغان. توق ئادەم
ئاچ بار ئۆيدە قېتىق ئۇيۇماس. ئاچكۆز تويماس، بېخىل بېيىماس. بىرى ئاچپاقا بولغىنىدىن ئۆلىدۇ، بىرى ئاچ قالغانلىقتىن. تويماسنى تويدۇرالمىدىم، بولماسنى بولدۇرالمىدىم. نەپسى يامان ھېيتتا ئۆلەر. ئايدا يېگەن توق، كۈندە يېگەن ئاچ. كۆزى توقنىڭ كۆڭلى توق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
تويمايدىغان، قارنى يامان.
ئۇ چاغدا نامان ھەددى - ھېسابسىز ئاچ كۆز، بىغەملىكى، يەپ تويماس، سېمىز، تەييارتاپلىقى بىلەن داڭ چىقارغانىدى.