Uyghur主要词典
توغرىلىماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كۆچمە مەنە: ئەدەبلىمەك ۋە ھەتتا ئۆلتۈرمەك.
كۈچۈڭ يەتسە، دۈشمىنىڭنى توغرىلا. سېنى ئۇچۇرغىنى _ جۆندىگىنى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
تۈز، تەكشى ھالەتكە كەلتۈرمەك؛ ئۇدۇللىماق؛ رۇسلىماق، تۈزلىمەك.
قىرنى توغرىلىماق. تاناپنى توغرىلىماق.
مەلۇم بىر نوقتا، نىشانغا ئۇدۇللىماق، قاراتماق، روبىرو قىلماق.
ئۇ ئۇستىرىنى ئوڭ ياڭىقىغا توغرىلىدى.
يېنىدا، ئالدىدا تەخ قىلماق؛ يۈز كۆرۈشتۈرمەك.
ئەمدىلىكتە تۇرمۇش مېنى ئۇنىڭ ئالدىغا توغرىلاپ، ھېلىقى قەرزلەرنى قايتۇرۇپ بېرىشكە قىستىماقتا.
خاتا ۋە نوقساندىن خالىي قىلماق؛ تۈزەتمەك.
دۈشمەن سىرىڭنى ئوغرىلايدۇ، دوست خاتايىڭنى توغرىلايدۇ (ماقال).
ئېپىنى، ئىلاجىنى قىلىپ ۋۇجۇدقا چىقارماق، ھەل قىلماق.
مەن دېگەندەكلا بولۇپ قالسا، ھەممە ئىشنى ئۆزۈم توغرىلايمەن، ئېلىپ قاچىدىغان يىگىتنى ئۆزۈم تېپىپ بېرىمەن.
بىراۋغا مەنسۇپ قىلماق، ھېسابىغا ئۆتكۈزمەك، تەۋە قىلماق.
ئۇ: - ھە رەھىمجان ھېلىقى مۇتتەھەم خوتۇننى كېيىن بىر تەرەپ قىلارمىز، شۇنىڭغا دېگەن بۇ قىزغا توغرىلىۋېتىڭا، - دېدى - دە، ئۆزى تېلېفون تۇرۇپكىسىنى قولىغا ئالدى.
بەلگىلىك بىرەر ۋاقىتقا ئۇدۇللىماق، توغرا كەلتۈرمەك.
بىر كۈنى بىردەم ئولتۇرۇپ خەيرلىشىپ كېلىش ئۈچۈن، ئىشتىن چۈشكەن ۋاقىتقا توغرىلاپ ئاسىم ئاكىنىڭ ئۆيىگە باردىم.
ئارتۇق ياكى كېمى يوق، دەلمۇدەل قىلماق.
- پۇلنى ھېلىقى 6200 يۈەنلىك چەكنىڭ ئۈستىگە قوشۇپ، ئون مىڭ يۈەنگە توغرىلاپ قويايمۇ؟ - دېدى ئوغلى دادىسىغا پىچىرلاپ.
ماس، مۇناسىپ، مۇۋاپىق قىلماق، ئۇدۇللىماق.
شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە، قىسمەت ئەنۋەر ئۈچۈن ئالدىنقىسىدىنمۇ قىزىقراق، تاسادىپىي بىر ۋەقەنى توغرىلىدى.