Uyghur主要词典
تۆۋە ئىستىغپارچىلار ھەرىكىتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
شىئە مەزھىپىنىڭ ئۇمەۋىيە سۇلالىسىغا قارشى قوراللىق قوزغىلىڭى. كەربالا پاجىئەسىدىن كېيىن كۇفەدىكى شىئە مەزھىپىگە مەنسۇپ نەچچە يۈز ئادەم پەيغەمبەر جەمەتىدىكىلەرنى قوغداپ قالالمىغانلىقىغا پۇشايمان قىلدى. ئۇمەۋىيە سۇلالىسىنىڭ خەلىپىسى يەزىد (1) 683 - يىلى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، سۇلايمان بىننى سۈرەدنى مۆتىۋەللى قىلىپ سايلىدى ھەمدە ئۆزىنى <تەۋۋاب> (تۆۋە - ئىستىغپارچىلار) دەپ ئاتىدى. ھەرىكەت شۇ نام بىلەن ئاتالدى. 468 - يىلى ئۇلار ئۈچ مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى ھۈسەين قەبرىگاھىنىڭ ئالدىغا توپلاپ، تۆۋە - ئىستىغپار ئوقۇدى. قىساس ئېلىشقا قەسەم ئىچتى. كېيىن ئەين ۋەردە ئۇمەييەنىڭ 30 مىڭ كىشىلىك قوشۇنى بىلەن ئۈچ كۈن قاتتىق جەڭ قىلىپ، ھەممىسى يوقىتىلدى.