Uyghur←Chinese主要词典
تۆت دۆلەت ئىتتىپاقى
دۇنيا تارىخى
四国同盟
sì guó tóng méng
(1) 1918-يىلىدىكى ئەنگلىيە، فرانسىيە، گوللاندىيە، ئاۋسترىيىلەرنىڭ ئىسپانىيىنى 1713-يىلىدىكى <ئوترېخت سۈلھ شەرتنامىسى> گە ئەمەل قىلىشقا زورلايدىغان ئىتتىپاق. (2) 1815-يىل 11-ئاينىڭ 20-كۈنىدىكى ئاۋسترىيە، پرۇسسىيە، روسىيە، ئەنگلىيىلەرنىڭ پارىژ شەرتنامىسىنى ئىمزالاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ شەرتنامىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تۈزۈلگەن ئىتتىپاقى. (3) 1834-يىلىدىكى ئىسپانىيە، پورتۇگالىيە، ئەنگلىيە، فرانسىيىلەرنىڭ بىرلىشىپ دون كارلوس (1788 - 1855) ۋە دوم مىگېل (1802 - 1866) لارنىڭ ئىسپانىيە پادىشاھلىق تەختىنى قولغا كەلتۈرۈشىگە قارشى تۇرۇش ئىتتىپاقى. (4) بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى گېرمانىيە، ئاۋسترىيە، تۈركىيە، گېرمانىيە، ئاۋسترىيە گۇرۇھىغا قاتناشقان، كېيىنكى يىلى بۇلغارىيىمۇ قاتنىشىپ تۆت دۆلەت ئىتىپاقى شەكىللەنگەن.