Uyghur主要词典
تۆركۈن
شىۋىلەر
ئۆز ماكانى، ئۆز ئېلى، ئۆز جەمەتى (ياتلىق قىلىنغان قىز ئۈچۈن ئۆز ئاتا - ئانىسىنىڭ ئۆيى «تۆركۈن» بولىدۇ).
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
توركۇن.
ئۇرۇق _ ئايماق ئەزالىرىنىڭ ياكى ئۇرۇق - تۇغقانلارنىڭ توپلىنىدىغان يېرى؛ ياتلىق قىلىنغان قىزغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئاتا - ئانىسىنىڭ ئۆيى. قىز تۆركۈنىگە كەلدى _ قىز ئاتا - ئانىسىنىڭ ئۆيىگە كەلدى. شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
كەلسە ئاباڭ تەركەنىم
ئەتىلگەمەت تۆركۈنىم
يازىلماغاي تەركىنىم
ئەمدى چەرىك چەركەشۈر
{ئەگەر تەركەنىم كەلسە،
توركۇنۇم ئوڭشىلىدۇ،
توپۇم (جامائىتىم) چېچىلىپ كەتمەيدۇ،
ئەمدى چېرىك سەپ تارتماقتا.}
خاقاننى ياباقۇ ئۇرۇشىغا ياردەم قىلىشقا چاقىرىپ شۇنداق دېيىلگەن: ئەگەر خاقاننىڭ ياردىمى كەلسە، ئىشىمىز ئوڭشىلىدۇ، ئايماقنىڭ ئۆيلىرى يىقىلمايدۇ، ھازىر جەڭچىلەر ەپكە تىزىلىپ بولدى. ھەي تەركەنىم، مېنىڭ ئالدىمغا يېتىپ كەل!
1 - 575