Uyghur←Chinese主要词典
تۆرەلمىلىك يېتىلىش
بىئولوگىيە
胚胎发育
pēitāifāyù
ئۆسۈملۈكنىڭ زىگوتىدىن يېتىلىپ تۆرەلمىگە ئايلىنىش جەريانى. يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تۆرەلمىلىك يېتىلىشى ئىپتىدائىي تۆرەلمىنىڭ يېتىلىشى، تۆرەلمىنىڭ دىففېرېنسىيىلىنىشى ۋە تۆرەلمىنىڭ يېتىلىشىدىن ئىبارەت بىر قانچە دەۋرگە بۆلۈنىدۇ. ئىپتىدائىي تۆرەلمە زىگوتا بۆلۈنگەندىن باشلاپ تۆرەلمە دېففېرېنسىيىلەنگۈچە بولغان مەزگىلدىكى تۆرەلمە بولۇپ، تۆرەلمە ۋە تۆرەلمە سېپىدىن ئىبارەت ئىككى قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كۆپ ساندىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ زىگوتىسىنىڭ بۆلۈنۈشى تەڭسىز توغرىسىغا بۆلۈنۈش بولۇپ، قوشۇلۇش بىلەن تۈگۈن تۆشۈكىگە يېقىن ئۇچىدىكى سان ھۈجەيرىسىنى ھائاسىل قىلىدۇ. چوققا ھۈجەيرىسى كېيىن يېتىلىپ تۆرەلمىگە ئايلىنىدۇ، ئاساس ھۈجەيرىسى يېتىلىپ تۆرەلمە سېپىغا ئايلىنىدۇ ياكى تۆرەلمىنىڭ ھاسىل بولۇشىغا قاتنىشىدۇ. ئىپتىدائىي تۆرەلمىنىڭ ھاسىل بولۇش شەكلى ھەر خىل تىپلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەسىلەن، گۈلقىيار، يۇلتۇزگۈل، چىنىگۈل، پېدىگەن، ئاق لويلا، كاۋاۋىچىن تىپلىق قاتارلىقلار. تۆرەلمە سېپىنىڭ رولى تۆرەلمىنى كۆتۈرۈپ تۇرۇش، ئەتراپىدىكى توقۇلمىلاردىن ئوزۇقلۇق سۈمۈرۈش ۋە ئاكتىپلاشقان ماددىلارنى ئاجرىتىپ چىقىرىپ تۆرەلمىنىڭ يېتىلىشىنى تەڭشەشتىن ئىبارەت. تۆرەلمە يېتىلىدىغان ۋاقتىدا تۆرەلمە سېپى رۇدېمنتلىشىپ كېتىدۇ. ئىپتىدائىي تۆرەلمە مەزگىلىدىكى تۆرەلمە رادىئال سىممېترىك بولىدۇ، دىففېرېنسىيىلىنىش دەۋرىگە كىرگەندىن كېيىن ھەر قايسى قىسىملىرى ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ئۆسۈپ پەللە يوپۇرماق، تۆرەلمە بىخ، تۆۋەنكى تۆرەلمە ئوق، تۆرەلمە يىلتىز قاتارلىق ئورگانلارغا دېففىرىنسىيىلىنىدۇ. قوش پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تۆرەلمىسىدە ئىككى تال پەللە يوپۇرماق بولۇپ، تۆرەلمە بىخ پەللە يوپۇرماقلارنىڭ ئارىلىقىغا جايلىشىدۇ. تاق پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تۆرەلمىسىدە بىر تال پەللە يوپۇرماق بولۇپ، چوققىغا، تۆرەلمە بىخ بىر يانغا جايلىشىدۇ. تۆرەلمە دىففېرېنسىيىلىنىپ بولغاندىن كېيىن يەنە بىر مەزگىل ئۆسۈپ يېتىلىش مەزگىلىگە كىرىدۇ.