Uyghur←Chinese主要词典
تۆرەلمە تەختى
بىئولوگىيە
胎座
tāizuò
ئۇرۇقدان ئىچىدىكى تۆرەلمە تۈگۈنى ئۆسىدىغان ئورۇن. ئۇ تۆۋەندىكى تۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: (1) گىرۋەكتىكى تۆرەلمە تەختى. بۇنىڭدا تۆرەلمە تۈگۈنى ئاددىي ئۇرۇقداننىڭ ياپراقچىسىنىڭ گىرۋەكلىرى قوشۇلغان ئورۇندا ئۆسىدۇ. مەسىلەن، نوقۇت؛ (2) يان پەردىدىكى تۆرەلمە تەختى. بۇنىڭدا تۆرەلمە تۈگۈنى تاق خانىلىق مۇرەككەپ ئۇرۇقداننىڭ ھەر قايسى ئانىلىق ياپراقچىلىرىنىڭ گىرۋەكلىرى تۇتاشقان ئورۇندا ئۆسىدۇ. مەسىلەن، ئەپيۇنگۈل. (3) ئوتتۇرا ئوقتىكى تۆرەلمە تەختى. كۆپ خانىلىق مۇرەككەپ ئۇرۇقداندىكى ھەر قايسى ئانىلىق ياپراقچىلار ئىچىگە قاراپ ئېگىلىپ توسۇق پەردە ۋە ئوتتۇرا ئوقنى ھاسىل قىلىدۇ، تۆرەلمە تۈگۈنى ئوتتۇرا ئوقتا ئۆسىدۇ. مەسىلەن، كېۋەز، پەمىدۇر، گۈلسامساق، ئالما؛ (4) مەركىزىي ئوقتىكى تۆرەلمە تەختى. تاق خانىلىق مۇرەككەپ ئۇرۇقداننىڭ ئانىلىق ياپرىقىنىڭ تۈۋىدىن ئۇرۇقدان بوشلۇقىغا ئوق ئۆسۈپ چىقىدۇ، تۆرەلمە تۈگۈنى مۇشۇ ئوتتۇرا ئوقنىڭ ئەتراپىغا يېپىشىپ ئۆسىدۇ. مەسىلەن، نورۇزگۈل. بۇنىڭدىن باشقا، ئاپتاپپەرەسنىڭ تۆرەلمە تۈگۈنى ئۇرۇقداننىڭ تۈۋىدە ئۆسىدۇ؛ ئۈجمىنىڭ تۆرەلمە تۈگۈنى ئۇرۇقداننىڭ ئۇچىدا ئۆسىدۇ. ياتما نېلۇپەرنىڭ تۆرەلمە تۈگۈنى ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇقداننىڭ ئىچكى تېمىدا ئۆسىدۇ. تۆرەلمە تەختى قاناللار باغلىمىنىڭ ئۇرۇقدانىن تۆرەلمە تۈگۈنىگە ئۆتىدىغان ئورۇن بولۇپ، تۆرەلمە تۈگۈنىنى ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەشكە مەسئۇل بولىدۇ. بەزى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تۆرەلمە تەختى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ئۆزىدە مول ئوزۇقلۇق ماددىلارنى ساقلايدۇ. مەسىلەن پەمىدۇر، تاۋۇز.