Uyghur←Chinese主要词典
تۆمۈر - قان سىياسىتى
دۇنيا تارىخى
铁血政策
tiě xuè zhèng cè
پرۇسسىيىنىڭ خاندانلىق ئۇرۇشى ئارقىىق گېرمانىيىنىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش سىياسىتى. 1862-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى، پرۇسسىيە باش ۋەزىرى بىسمارك يۇنكىر ئاقسۆڭەكلەر ۋە چوڭ بۇرژۇئازىيىنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىپ، پارلامېنتتا <زامانىمىزدىكى چوڭ چوڭ مەسىلىلەرنى نۇتۇق سۆزلەش ۋە كۆپچىلىك قارار قىلىش بىلەن ھەل قىلغىلى بولمايدۇ، … بەلكى ئۇنى تۆمۈر ۋە قان بىلەن ھل قىلىش شەرت، گېرمانىيىنىڭ كۆزدە تۇتىدىغىنى پرۇسسىيىنىڭ ئەركىنچىلىرى ئەمەس، بەلكى پرۇسسىيىنىڭ قوراللىق كۈچى>، دەپ جار سالغان. ئۇ زوراۋانلىق ۋە قورال كۈچى بىلەن گېرمانىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ۋە ھۆكۈمرانلىق قىلىشنى جېنىنىڭ بارىچە بىرلىككە كەلتۈرۈش ۋە ھۆكۈمرانلىق قىلىشنى جېنىنىڭ بارىچە تەشەببۇس قىلغان. <تۆمۈر - قان سىياسىتى> دېگەن سۆز كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇرۇش سىياسىتى بىلەن مەنىداش سۆز بولۇپ قالغان