Uyghur主要词典
تۆمۈرنىڭ سىرتقى يۈزىنى قوغداش
领域: پەن - تېخنىكا دۇنياسىپولات - تۆمۈرلەرنىڭ داتلىشىپ چىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، سىرتقى يۈزىنى قوغداش كېرەك.20
- ئەسىرنىڭ70 - يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا، ئەنگلىيىدىكى شوتلاندىيە تاغ ئېتىكىدىن بىر ساندۇق تۆمۈر مىخ قېزىۋېلىنغان، ئىسپاتلىنىشىچە، بۇ مىلادىيە1 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا رىم ئىمپېرىيە قوشۇنىدىن قالغان نەرسە ئىكەن، بۇ تۆمۈر مىخلار يەر ئاستىدا1800 يىلدىن ئارتۇق ئۇخلاپ يېتىپمۇ زادى داتلاشمىغان. ئىلمىي تەتقىقات ئارقىلىق، بۇ تۆمۈر مىخلارنىڭ سىرتىغا بىر قەۋەت فوسفاتلاشقان »كىيىم« كىيدۈرۈلگەنلىكتىن داتلاشمىغانىكەن.
ئەمەلىيەتتە، بۇ تېخنىكا ئانچىۋالا مۇرەككەپ ئەمەس، تۆمۈر بۇيۇمىنى تۆمۈر فوسفات سۇيۇقلۇقىغا چىلىسىلا، بۇيۇمنىڭ سىرتقى يۈزىدە بىر قەۋەت فوسفات تۇزى پەردىسى ھاسىل بولۇپ، داتلىشىشتىن ساقلايدۇ. سانائەتتە بۇ «فوسفاتلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش» دېيىلىدۇ.
بىز بىر تەجرىبە ئىشلەپ كۆرەيلى: پارقىراپ تۇرغان پىچاقنى سۇغا چىلاپ، ئاندىن ئوتقا قاقلىساق، بىرئازدىن كېيىن پىچاقنىڭ سىرتقى يۈزىدە قارامتۇل «كىيىم» پەيدا بولىدۇ. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، يۇقىرى ھارارەتتە تۆمۈر بىلەن سۇ بىرىكىپ، تۆمۈر تىتروكسىد ھاسىل بولىدۇ، تۆمۈر تىتروكسىد تۆمۈر كۆك بولۇپ، ئادەتتىكى داتقا ئوخشىمايدۇ، تۆمۈر دېتى تۆمۈر ترىئوكسىد بولۇپ، تولىمۇ بوش ۋە قوڭۇر بولىدۇ. تۆمۈر تىتروكسىد بولسا خېلى زىچ بولۇپ، تۆمۈر بۇيۇمنىڭ سىرتىغا سىرغا ئوخشاش چىڭ يېپىشىپ، تۆمۈرنى داتلىشىشتىن ساقلايدۇ.
كىشىلەر مىلتىق، زەمبىرەك قاتارلىق تۆمۈر بۇيۇملارغا ئاتايىتەن مۇشۇنداق قارامتۇل كىيىم كىيدۈرۈپ قويىدۇ، بىراق، ئۇسۇلى ئوخشىمايدۇ. ئاۋۋال تۆمۈر بۇيۇملارنىڭ «ئۇچىسى» دىكى سىر ۋە داتلارنى قىرىپ چىقىرىدۇ، ئاندىن ناترىي ھىدروكسىد ۋە ناترىي نىترىت ئېرىتمىسىگە چىلاپ، بۇيۇمنىڭ سىرتىغا داتتىن ساقلىنىش قەۋىتى ھاسىل قىلىدۇ، بۇ قارامتۇل كۆك تۆمۈر نىتروكسىد دۇر، كىشىلەر مۇنداق ئۇسۇلنى «كۆكەرتىش» دەپ ئاتىشىدۇ، بۇ ئۇسۇل بەك كەڭ قوللىنىلىدۇ، سائەتنىڭ قارامتۇل ئىسترېلكا، پۇرژىنىسى، يېڭى سېتىۋېلىنغان قايچا، ئۆي سېلىشتا ئىشلىتىلىدىغان پولات چىۋىق، پولات تاختا قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى «كۆكەرتىپ» بىر تەرەپ قىلىنىدۇ، شۇڭا داتلاشمايدۇ.
مېتال بۇيۇملارغا كىيىم «كىيدۈرۈش» ئۇسۇلى بەك تولا: سىرلاش، مايلاش، ئېماللاش، ھەل بېرىش قاتارلىقلار ئەنە شۇنداق ئۇسۇللاردۇر. ئۇلار مېتاللارنى ھەر خىل دەرىجىدە قوغداش رولىنى ئوينايدۇ.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。