Uyghur主要词典
تۆھپە مۇنارى
دۇنيا تارىخى
زەپەر مۇنارى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قەدىمكى رىمدىكى بىر خىل تۈۋرۈكسىمان قۇرۇلۇش. رىم ھەربىي باش قوماندانلىرى ئۆزلىرىنىڭ ھەربىي يۈرۈش غەلىبىسىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، دائىم ئاساسلىق مەيدانلاردا تۆھپە تاش مۇنار تىكلىگەن، بۇ، رىم دۆلىتىىڭ ھەربىي كۈىنى كۆزكۆز قىلىشنىڭ بىر خىل شەكلى ئىدى. مەسىلەن، مىلادىدىن 338 يىل ئىلگىرى كونسۇل مېنىئۇس لاتىنلىقلارنى ئىستېلا قىلغاندا بۇ خىل تۆھپە مۇنارى تىكلەنگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مەشھۇر G ئەسىرنىڭ باشلىرى ترايان داكىيىلىكلەرنى بويسۇندۇرغاندا (106 - 101 - يىللىرى) ئورنىتىلغان تۆھپە مۇنارى بولۇپ، ئۇ رىمنىڭ ترايان مەيدانىغا قۇرۇلغان بولۇپ، 113-يىل 5-ئاينىڭ 18-كۈنى پۈتكەن. ئۇ ئىچى كاۋاك، مەرمەر تاشتىن قوپۇرۇلغا يۇمىلاق مۇنار بولۇپ، ئېگىزلىكى تەخمىنەن 38-مېتىر كېلىدۇ. مۇنارنىڭ ئەتراپىغا ئالاھازەل 2500 دەك كىشىنىڭ ئوبرازىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان داكىيىلىكلەرنى بويسۇندۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ كۆرۈنۈشى تەسۋىرلەنەەن قاپارتما سۈرەتلەر ئويۇپ چىقىلغان. مۇنار ئۇچىغا پادىشاھنىڭ برونزا ھەيكىلى ئورنىتىلغان. چاسىسىمان كەلگەن مۇنارنىڭ ئۇلى ئىمپېراتور قەبرىسى قويۇلغان. ترايان تۆھپە مۇنارى قەدىمكى زاماننىڭ قىمەتلىك تارىخي يادىكارلىقى، سەنئەت ئەسىرى، شۇنداقلا قەدىمكى رىم ھەربىي ئىشلار تارىخىنى يادىكارلىقى، سەنئەت ئەسىرى، شۇنداقلا قەدىمكى رىم ھەربىي ئىشلار تارىخىنى تەتقىق قىلىشتىكى مۇھىم ماتېرىيال بولۇپ، Ⅱ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئىمپېراتور مارك ئاۋېرلې، ماركوماننىلا ئۈستىدىن غەلىبە قىلغان (172 - 175 - يىللىرى) دىن كېيىن ئورنىتىلغان تۆھپە مۇنارى بىلەن بىرگە ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلمەكتە.