Uyghur←Chinese主要词典
تىنچ ئو كيان ئۇرۇشى
دۇنيا تارىخى
太平洋战争
tài píng yáng zhàn zhēng
(1) - 1884 - 1879 - يىللاردىكى چىلىنىڭ بولىۋىيە بىلەن پېرۇنىڭ تىنچ ئوكيان قىرغاقلىرىدىكى سېلىترا چىقىدىغان رايونلىرىنى تارتىۋېلىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ئۇرۇشى. چىلى 1879 - يىلى 2 - ئايدا، ئەنگىلىيەنىڭ قوللىشى بىلەن بولىۋىيىدىكى چىلى - ئەنگىلىيە شېرىكلىشىپ باشقۇرغان چىلى سېلىترا شېركىتىنىڭ مەنپەئىتى زىيانغا ئۇچرىدى دېگەننى باھانە قىلىپ، ئەسكەر چىقرىپ بولىۋىيىنىڭ ئاساسلىق سېلىترا چىقدىغان مەركىزىي ئانتوفاگاستانىبېسىۋېلىپ، چىلى - بولىۋىيىنىڭ تېخىمۇ چوڭتوقۇنۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. چىلى پىرۇنىڭ <ياراشتۇرۇشىنى> رەت قىلغاندىن كېيىن، 4 - ئايدا مەخپىي ئىتتىپاقلىق شەرتنامىسى تۈزۈشكەن بولىۋىيە، پېرۇ ئىككى دۆلەتكە ئۇرۇش ئېلان قىلغان. چىلى دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇق جەڭلىرىدە كەينى - كەينىدىن غەلىبە قازىنىپ، تاراپاكادىكى بىر جەڭدە بولىۋىيە قوشۇنىنى تارمار قىلىپ، قارشى تەرەپنىڭ كەڭ زېمىنىنى ئىشغال قىلغان ھەمدە 1881 - يىلى 1 -ئايدا لېما شەھىرىنى ئىشغال قىلىپ، پېرۇنى ئۇرۇشتىن چېكىنىپ چىقىشقا مەجبور قىلغان ھەمدە 1883 - يىلى <ئانكان شەرتنامىسى> نىئىمزالاپ، تاراپاكانى ئايرىۋالغان، تاكنا ۋە ئارىكانى ئون يىل ئىشغال قىلغان. ئىككى ئۆلكىنىڭ تەۋەلىكىنى پۇقرالارنىڭ ئاۋاز بىرىشى ئارقىلىق قارار قىلغان. 1884 - يىلى چىلى يەنە بولىۋىيىنى شەرتنامە ئىمزالاشقا مەجبورلاپ، ئانتوفاگاستانى بۆلۈۋالغان. بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا چىلى ئاتاكاما قۇملۇقىدىكىئاساسلىق سېلىترا چىقىدىغان رايونلارغا ئېرىشكەن. بولىۋىيە دېڭىزىغا چىقىش ئېغىزىدىنلا ئايرىلىپ قالغان. پېرو بولسا ئاساسلىق سېلىتىرا چىقىدىغان رايونلاردىن مەھرۇم قالغان. تاكنا ۋە ئارىكانىڭ قايتۇرۇلۇش مەسىلىسى سۆرىلىپ، 1929 - يىلىغا بارغاندىلا ئاندىن كېلىشىم تۈزۈپ ھەل قىلىنغان. تاكنا پېرۇغا قايتۇرۇلۇپ، ئارىكا چىلىغا بۆلۈپ بىرىلگەن. (2) ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە فاشىستلارغا قارشى ئىتتىپاق تۈزگەن دۆلەتلەرنىڭ تىنچ ئوكيان رايونىدا ياپونىيەگە قارشى ئېلىپ بارغان ئۇرۇشى. ياپونىيە ئامېرىكا - ئەنگىليە - گوللاندىيە گۇرۇھىنىڭ تىنچ ئوكياندىكى مەنپەئىتىنى سىقىپ چىقىرىش ۋە ئۇنى تارتىۋېلىش ئۈچۈن، 1941 - يىل 12 - ئاينىڭ 7 - كۈنى پيورلخاربور پورتىغا ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلغان؛ ئىككىنچى كۈنى ئەنگىلىيە، ئامېرىكا ياپونىيەگە، گېرمانىيە، ئىتالىيە ئامېرىكىغا رەسمىي ئۇرۇش ئېلان قىلىپ، تىنچ ئوكيان ئۇرۇشى پارتلاپ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتكەن. 1941 - يىلنىڭ قىش پەسلىدىن كېيىنكى يىلى ياز پەسلىگىچە ياپون قوشۇنلىرى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ مالايا، سىنگاپور، بېرما، فىلىپپىن، ھىندىنوزىيە، گۇئام ئارىلى، ۋاك ئارىلى، يېڭى گىۋېنىيەنىڭ بىر قىسمى، ئالېئۇت تاقىم ئاراللىرى ھەم تىنچ ئوكياندىكى نۇرغۇنلىغان ئاراللارنى ئىشغال قىلغان. ياپونىيە قوشۇنلىرى ئىشغال قىلغان نۇرغۇن رايونلاردىكى خەلق ئاممىسى مىللىي ئازادلىق كۈرىشىنىقانات يايدۇرغان. 1943 - يىلى، ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداش دۆلەتلىرى ئەنگىليە، فرانسىيە، گوللاندىيە، ئاۋسترالىيە ۋە يېڭى زىنلاندىيىلەر تىنچ ئوكياندا چەكلىك قايتۇرما ھۇجۇمنى باشلاپ، ئاراللارنى تالىشىش جېڭى ئېلىپ بارغان. 1944 - يىلى 10 - ئايدا، ئامېرىكا قوشۇنلىرى يەرلىك پارتىزانلارنىڭ ماسلىشىشى بىلەن فىلىپپىندا قۇرۇقلۇققا چىقىشقا باشلاپ، 1945 - يىلى 2 - ئايدا ۋولكانوتىزما ئاراللىرىدا قۇرۇقلۇققا چىققان، 4 ئايدا رىيۇكىيۇ تاقىم ئارىلىغا ھۇجۇم قىلغان ھەمدە ياپونىيەنىڭ ئۆز يېرىنى بومباردىمان قىلىشنى كۈچەيتكەن. جۇڭگونىڭ ياپونغا قارشى كۈرىشى ياپونىيەگە ئېغىر زەربە بەرگەن، 5 - ئايدا گېرمانىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىن، ياپونىيە پۈتۈنلەي يېتىم ھالەتكە چۈشۈپ قالغان. 8 - ئايدا ئامېرىكا ياپونىيەنىڭ خىروسىما، ناگاساكى شەھەرلىرىگە ئىككى ئاتوم بومبىسى تاشلىغان، 8 - ئاينىڭ 8 - كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقى ياپونىيەگە ئۇرۇش ئېلان قىلغان. جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپونغا قارشى قوراللىق كۈچلىرى ۋە سوۋېت ئارمىيىسىنىڭ ھۇجۇمى ئاستىدا، ياپونىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ ئاساسىي كۈچى بولغان كانتون ئارمىيسى تېزلىكتە يوقىتىلغان. 8 - ئاينىڭ 15 - كۈنى ياپونىيە شەرتسىز تەسلىم بولغانلىقى جاكارلاپ، 9 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، تەسلىمنامە ئىمزالىنىپ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاياغلاشقان.