Uyghur←Chinese主要词典
تىنچ پوتېنسئال
پسىخولوگىيە
静息电位
jìng xī diàn wèi
جانلىقلارنىڭ ھۈجەيرىسى يېرىم تىنىق ھۈجەيرە پەردىسىگە ئورالغان بولۇپ، ھۈجەيرە پەردىسىگە ئورالغان بولۇپ، ھۈجەيرە پەردىسىنىڭ ئىچى - سىرتى تەرىپىدە پوتېنسئال پەرقى بولىدۇ، ئادەتتە بۇ خىل پوتېنسئال پەرقى «پەردە پوتېنسئال» دەپ ئاتىلىدۇ. مۇسكۇل، نېرۋا ۋە باشقا ھۈجەيرىلەردە قوزغىلىش بولمىغاندا (يەنى تىنچ تۇرغاندا)، پەردىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا پەيدا بولغان پوتېنسئال پەرقىنىڭ پەردە ئىچىدىكىسى مەنپىي (مىنۇس)، پەردە سىرتىدىكىسى مۇسبەت (پىلۇس) بولۇپ، «تىنچ پەردە پوتېنسئالى» دەپ ئاتىلىدۇ. سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭ نېرۋا تالاسىدىكى تىنچ پوتېنسئال تەخمىنەن 70 - 90 مىللىي ۋات بولىدۇ، ھۈجەيرىنىڭ تىنچ ۋاقتىدىكى پەردە بىلەن چېگرىلىنىپ شەكىللەنگەن ئىچكى مەنپىي، سىرتقى مۇسبەت ھالەت «قۇتۇپلانغان ھالەت» ياكى «قۇتۇپلىنىش» دەپ ئاتىلىدۇ، قوزغىلىدىغان ھۈجەيرە (نېرۋا ھۈجەيرىسى ياكى مۇسكۇل ھۈجەيرىسى) تەسىرلىنىپ قوزغالغاندا، پوتېنسئال ئاساسىدا بىر قېتىملىق قىسقا ۋاقىتلىق ئۆتكۈزۇش - پوتېنسئال ئۆزگىرىشى پەيدا بولىدۇ، مانا بۇ «پەردە ھەرىكەت پوتېنسئالى» ياكى «ھەرىكەت پوتېنسئالى» دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇنىڭ جەريانى مۇنداق: نېرۋا تالاسى قوزغالغاندا، پەردە ئىچىدىكى مەنپىي پوتېنسئال تېزلىك بىلەن يوقلىپ (قۇتۇپسىزلىنىپ)، پەردە پوتېنسئالىدا تەتۈر ئايلىنىش پەيدا بولىدۇ، تىنچ ۋاقىتتىكى ئىچكى مەنپىي، سىرتقى مۇسبەتلىك ئەمدى ئىچكى مۇسبەت، سىرتقى مەنپىيلىك (« تەتۇر قۇتۇپلىنىش» ياكى «ئۇلترا نۇرلىنىش») كە ئايلىنىدۇ. بۇ ھەرىكەت پوتېنسئالىنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشى بولۇپ، ئۆرلەش ئەڭ چوڭ قىممەتكە يەتكەندە، تېزلىك بىلەن تۆۋەنلەيدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا تىنچ پوتېنسئال ئەسلىدىكى سەۋىيىگە (ئەسلىدىكى قۇتۇپلىنىشقا) كېلىدۇ، مانا بۇ ھەرىكەت پوتېنسئالىنىڭ تۆۋەنلىشىدۇر. پۈتۈن ئۆزگىرىش جەريانى گرافىكىدا قىسقا ئەمما ئۆتكۈر ئىمپۇلىس بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. شۇڭا ھەرىكەت پوتېنسئال يەنە «يۇقىرى پەللىدىكى (چوققا) پوتېنسئال» دەپ ئاتىلىدۇ. يۇقىرى (چوققا) پەللىدىكى پوتېنسئالنىڭ پۈتۈن ئۆزگىرىش جەريانى تەخمىنەن بىر مىللى سېكۇنت داۋام قىلىدۇ. يۇقىرى پەللە پوتېنسئالى تامامەن تىنچ پوتېنسئال سەۋىىيگە كېلىشتىن ئىلگىرى، پەردە پوتېنسئالى بىر قەدەر ئىنتايىن كىچىك ئەمما ئاستا ئۆزگىرىش ياسايدۇ. مانا بۇ «كېيىنكى پوتېنسئال» دەپ ئاتىلىدۇ. يۇقىرى پەللە پوتېنسئالىدىن كېيىن پەيدا بولغان «مەنپىي كېيىنكى پوتېنسئال» (يۆنىلىشى بىلەن يۇقىرى پوتېنسئالى ئوخشاش) نىڭ داۋاملىشىش ۋاقتى 15 مىللى سېكۇنت بولىدۇ. چوڭلۇقى يۇقىرى پەللە پوتېنسئالىنىڭ 5 -6 پىرسەنتىگە توغرا كېلىدۇ. مەنپىي كېيىنكى پوتېنسئالدىن كېيىن پەيدا بولغىنى «مۇسبەت كېيىنكى پوتېنسئال (يۆنىلىش بىلەن يۇقىرى پەللە پوتېنسئالى تەتۇر بولىدۇ) بولۇپ، چوڭلۇقى يۇقىرى پوتېنسئالنىڭ پەقەت 0.2 پىرسەنتىگە توغرا كېلىدۇ، لېكىن داۋاملىشىش ۋاقتى 80 مىللى سېكۇنت ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزاقراق بولىدۇ. بەزىلەر «يۇقىرى پەللە (چوققا) پوتېنسئالى» بىلەن «كېيىنكى پوتېنسئال»نى بىرلەشتۇرۇپ «ھەرىكەت پوتېنسئالى» دەپ ئاتايدۇ.