Uyghur主要词典
تىنچ
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىخەۋەر، ۋەقە _ ھادىسلەردىن خالىي، كۆڭۈلنىڭ ئارامىدا.
تىنچ ئۇخلىغان چۈش كۆرمەس. بالىسى يوقنىڭ جېنى تىنچ بولار، قېرىغاندا قورقۇنچ باسار. قوشناڭ ياخشى بولسا، خاتىرجەم ئۇخلايسەن. تەييارلىقنى پۇختا قىل، پاڭشىڭ كېتىۋەر.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ساق - سالامەت، غەم - ئەندىشىدىن خالى.
تىنچسىز، خېيىم - خەتەر
خەۋپلىك ھالەت، غەم - ئەندىشە.
قايناقسۇ ئىچ، كۆڭلۈك تىنچ. ئەل ئامان - شەھىرىڭ ئامان. ئانا يۇرتۇڭ ئامان بولسا، رەڭگىرويىڭ سامان بولماس. ئۆتكەن كۈنۈڭ ئېسىڭدە بولسا، ئېسەن بولىسەن. باش ئامان بولسا، دوپپا تېپىلار. تىنچسىز ئۆتكەن كۈن كۈن ئەمەس. خېيىم - خەتەر كۆز بىلەن كىرپىكنىڭ ئارىلىقىدا.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
قىمىرلىمايدىغان، ھەرىكەت سېزىلمەيدىغان، جىمجىت.
خەتەرلىك دېڭىزنى بېسىپ تىنچ دەرياغا ئۆتتۇق.
چۇقان - سۈرەن، ۋاراڭ - چۇرۇڭدىن خالىي، كىشىنىڭ ئارامىنى بۇزمايدىغان؛ جىم.
تىنچ ئۇخلىماق.
كىشىنى بىزار قىلمايدىغان، خاتىرجەم.
سەن تىنچ - قوشناڭ تىنچ (ماقال).
غەم - ئەندىشە، خەۋپ - خەتەردىن خالىي؛ سالامەت.
تىنچقىنا يېتىپ ئارام ئېلىڭ، بالام، خۇدايىم بىر ساقلىدى دەڭا.
ئۇرۇش - جاڭجال، قالايمىقانچىلىقتىن خالىي، تەرتىپ - جەھەتتىن نورمال.
تىنچ تەرەققىيات زورلۇق كۈچ بىلەن بولىدىغان ئۆزگىرىشكە، تەدرىجىي تەرەققىيات ئىنقىلابقا ئورۇن بېرىدۇ.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
كۈچى ۋە قۇۋۋىتى ئۆز ئورنىدا ۋە ساقلاقلىق تۇرغان ھالەت.