Uyghur←Chinese主要词典
تېمىپو ئىسلاھاتى
دۇنيا تارىخى
天保改革
tiān bǎo gǎi gé
ياپونىيە تېمىپو يىللىرىدىكى (1830 - 1843) توكۇگا - ۋا شوگناتلىقى ۋە ھەر قايسى كۈچلۈك ۋاسساللىقلار ئېلىپ بارغان سىياسىي ئىقتىسادىي ئىسلاھات. ئۇدا نەچچە يىل قەھەتچىلىك يۈز بېرىپ، جايلاردا دېھقانلار توپىلاڭلىرى ئۈزلۈكسىز يۈز بەرگەنلىكتىن شوگناتنى باش ئاقساقىلى مىزۇنو تاداكونى 1841-يىلدىن باشلاپ ئىسلاھات ئېلىپ بارغان. (1) ھوقۇقلۇق زالىم ۋەزىرلەرنى يۆتكەپ، كەيپىياتنى ئۆزگەرتىپ، ئىقتىسادچىللىقىنى تىرىشىپ يولغا قويغان؛ (2) كەسىپداشلار ئۇيۇشمىسىنى تارقىتىۋېتىپ، باي سودىگەرلەرنى ئىمتىيازدىن مەھرۇم قىلىپ، سودىگەرلەرنىڭ ئەركىن سودىلىشىشىغا يول قويۇپ، مال مەنبەسىنى كۆپەيتىپ، مال باھاسىنى تۆۋەنلەتكەن؛ (3) شەھەرلەرگە ئېقىپ كىرگەن دېھقانلارنى يۇرتىغا قايتىشقا مەجبۇرلاپ، دېھقانلاrنىڭ قوشۇمچە كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشىنى مەنئى قىلىپ، قول سانائەت كارخانىلىرىنىڭ دېھقانلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى ياللاپ ئىشلىتىشنى چەكلىگەن؛ (4) ئېدو، ئوساكالارنىڭ ئەتراپىدا 10 ياپونىيە لىسى كېلىدىغان ئارىلىقتىكى يەرلەرنى شوگنات ھۆكۈمرانلىقىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغان، لېكىن يەرلەرنى ئۆتكۈزۈۋېلىش بۇيرۇقى ئەسلىدىكى يەر ئىگىلىرىنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. باشقا تەدبىرلەرنىڭمۇ كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمى بولمىغان. 1843-يىلى مىزۇنو تەختتىن چۈشۈپ، شوگناتنىڭ ئىسلاھاتى پۈتۈنلەي مەغلۇب بولغان. ھەر قايسى كۈچلۈك ۋاسساللىقلارنىڭ ئوخشاش مەزەىلدە ئېلىپ بارغان ئىسلاھاتى بولسا، بەلگىلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن. ناگاسۇ ۋاسساللىقىدا 1838-يىلى باي سودىگەرلەرنى بېسىپ، ئوتتۇرا، تۆۋەن دەرىجىلىك سامورايلارنى قوغداپ، ئوساكاغا قاتنايدىغان دېڭىز ترانسپورتىنى راۋاجلاندۇرۇپ، مالىيەنى ياخشىلىغان. سامو ۋاسساللىقى قەرزلەرنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىپ، شېكەرنىڭ سېتىۋېلىنىشىنى ۋە سېتىلىشىنى تىزگىنلىگەن ھەمدە دېڭىز ئارمىيە كۈچىنى تولۇقلىغان. ھىزېن، توسا قاتارلىق ۋاسساللىقلارمۇ ئىسلاھات ئېلىپ بارغان. ھەرقايسى ۋاسساللىقلارنىڭ ئىسلاھاتى ئارقىلىق ۋاسسالىقلارنىڭ ئەمەلىي ھوقۇقىنى ئوتتۇرا - تۆۋەن دەرىجىلىك سامورايلار بىلەن باي دېھقانلاردىن كېلىپ چىققان بىر قىسىم زىيالىيلار ئىگىلىگەن.