Uyghur←Chinese主要词典
تىموشېنكو
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
季莫申科
jì mò shēn kē
دۇنيا تارىخى
铁木辛哥
tiě mù xīn gē
(1895 - 1970) سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى مارشالى، دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1915 - يىلى ئەسكەرلىككە ئېلىنغان، ئۆكتەبر ئىنقىلابى مەزگىلىدە ئوفىتسىر - ئەسكەرلەرگە يىتەكچىلىك قىلىپ قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. ئىچكى ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدا سارتسىن مۇداپىئە ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1919 - يىلى بولشېۋىكلار پارتىيىسىگە كىرگەن. شۇ يىلى ئاتلىق قىسىملار دىۋىزىيەكوماندىرى بولغان. ئىچىكى ئۇرۇشتىن كېيىن ئاتىلىق قىسىملار جۈنتۇەنىگە قوماندانلىق قىلغان. 1937 - يىلىدىن باشلاپ شىمالىي كاپكاز ۋە خاركوۋ ھەربىي رايونىنىڭ قوماندانى بولغان. 1940 - يىلىدىن باشلاپ سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەت مۇداپىئە خەلق كومىسسارى بولغان. ۋەتەن ئۇرۇشى مەزگىلىدە، دۆلەت مۇداپىئە مۇئاۋىن خەلق كومىسسارى، ئالىي قوماندانلىق شتابىنىڭ ۋەكىلى، غەربىي ئۇرۇش سېپى، غەربىي جەنۇبىي ئۇرۇش سېپى ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى، ستالىنگراد يۆنىلىش ئارمىيىسى ۋە غەربىي شىمال يۆنىلىش ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى بولغان. 1960 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ باش تەپتىشى بولغان. 1961 - 1970 - يىللىرى پىشقەدەم جەڭچىلەر كومىتىتىنىڭ رەئىسى بولغان. س ك (ب) مەركىزىي كومىتىتىنىڭ ئەزاسى(1939 - 1952) بولغان.