—参考资料
تۇمان
领域: ھاۋا رايى ۋە ئىقلىملارتۇمان بىلەن بۇلۇت سۇ پارىنىڭ كوندېنساتسىيىلىنىشىدىن شەكىللىنىدۇ، پەقەت بۇلۇتنىڭ ئاستى قىسمى يەر يۈزى بىلەن تېگىشمەيدۇ، ئەمما تۇمان يەر يۈزى بىلەن ئۇچرىشىدۇ. شۇڭا تۇماننى يەر يۈزىدىكى بۇلۇت دېيىشكە بولىدۇ. ئەگەر سىز خۇاڭشەن تېغى، لۇشەن تېغى ۋە تەيشەن تېغىغا چىقسىڭىز مۇنداق تەسىراتقا كېلىشىڭىز مۇمكىن: بەزىدە تاغ ئاستىدىن قارىسىڭىز تاغ ئۈستىدىكى ئاپئاق بۇلۇتلارنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى، تاغ تىزمىلىرىنىڭ بۇلۇتلار ئارىسىغا مۆكۈنگەنلىكىنى كۆرىسىز، تاغ چوققىسىغا چىققاندىن كېيىن تاغ تىزمىلىرىنى ئېنىق كۆرەلەيسىز، ئاپئاق بۇلۇتلار ئاستىڭىزدا ئۈزۈپ يۈرىدۇ، ئۆزىڭىزنى خۇددى تۇمان ئىچىدە تۇرغاندەك ھېس قىلىسىز.
گورىزونتال كۆرۈنۈش دەرىجىسىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا ئاساسەن تۇماننى ئېغىر تۇمان، قويۇق تۇمان، كۈچلۈك تۇمان، ئوتتۇراھال تۇمان ۋە سۇس تۇمان (مانان) قاتارلىقلارغا بۆلۈشكە بولىدۇ. ئېغىر تۇماننىڭ گورىزونتال كۆرۈنۈش ئارىلىقى50 مېتىرغا يەتمەيدۇ؛ قويۇق تۇماننىڭ گورىزونتال كۆرۈنۈش ئارىلىقى50 ~200 مېتىر بولىدۇ؛ كۈچلۈك تۇماننىڭ گورىزونتال كۆرۈنۈش ئارىلىقى200 ~500 مېتىر بولىدۇ؛ ئوتتۇراھال تۇماننىڭ گورىزونتال كۆرۈنۈش ئارىلىقى500 ~1000 مېتىر بولىدۇ؛ يېنىك تۇماننىڭ گورىزونتال كۆرۈنۈش ئارىلىقى1000 مېتىردىن ئاشىدۇ.
شەكىللىنىش سەۋەبىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا ئاساسەن تۇماننى يەنە رادىئاتسىيە تۇمانى، ئادۋېكسىيىلىك تۇمان، پار تۇمانى، دۆڭلۈك تۇمانى، فرونت يۈزى تۇمانى قاتارلىق بىرقانچە تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ. رادىئاتسىيە تۇمانى يەر يۈزىدىكى ھاۋانىڭ كېچىلىك رادىئاتسىيە ئارقىلىق ئىسسىقلىق تارقىتىپ سوۋۇپ، سۇ پارىغا زىيادە تويۇنغان ھالەتكە يەتكەندىن كېيىن شەكىللىنىدۇ. بۇ خىل تۇمان كۆپىنچە ھاۋا ئوچۇق، شامال ئاجىز، يەر يۈزىگە يېقىن جايدىكى سۇ پارى بىرقەدەر مول بولغان كېچىسى ياكى ئەتىگىنى شەكىللىنىدۇ. رادىئاتسىيە تۇمانىنىڭ شەكىللىنىشى ئادەتتە شۇ كۈندىكى ھاۋا رايىنىڭ ياخشى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئادۋېكسىيىلىك تۇمان ھاۋانىڭ گورىزونتال ئېقىشىدىن شەكىللەنگەن. ئىللىق نەم ھاۋا ئېقىمى سوغۇق يەر يۈزى ياكى دېڭىز يۈزىدىن ئۆتكەندە ھاۋانىڭ ئاستىنقى قەۋىتى يەر يۈزى ياكى دېڭىز يۈزى بىلەن ئۇچرىشىپ سوۋۇيدۇ، بۇنىڭ بىلەن سۇ پارى كوندېنساتسىيىلىنىپ تۇمانغا ئايلىنىدۇ. ئادۋېكسىيىلىك تۇمان ئادەتتە2 -3 كۈن ئىچىدە يامغۇر ياغىدىغانلىقىدىن بېشارەت بېرىدۇ. فرونت يۈزى تۇمانى سوغۇق ۋە ئىللىق ھاۋا ماسسىسى ئۇچرىشىدىغان فرونت يۈزى بەلۋېغىدا شەكىللىنىدۇ. ئېلىمىزدىكى قارىئۆرۈك يامغۇرى پەسلىدە دائىم بۇ خىل فرونت يۈزى تۇمانى شەكىللىنىدۇ، ئۇمۇ يامغۇرلۇق ھاۋا رايىنىڭ بېشارىتىدۇر.
ئېلىمىزدىكى تۇمان ئەڭ كۆپ يۈز بېرىدىغان جاي سىچۇەن ئۆلكىسىدىكى ئېمېيشەن تېغى بولۇپ،1953 ~1970 - يىللىرى ھەر يىلدىكى ئوتتۇرىچە تۇمانلىق كۈنلەر4 .323 كۈنگە يەتكەن، ھەر كۈنى دېگۈدەك تۇمان بولغان.
تۇمان دېڭىز قاتنىشى، ھاۋا قاتنىشى ۋە زىرائەتلەرگە ناھايىتى چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەگەر پاراخوت دېڭىزدا قويۇق دېڭىز تۇمانىغا ئۇچراپ قالسا نىشاندىن ئادىشىپ قېلىش، ھەتتا خادا تاشلارغا سوقۇلۇپ كېتىش، تېيىز سۇدا توختاپ قېلىش ۋە ئۆزئارا سوقۇلۇپ كېتىشتەك ۋەقەلەر يۈز بېرىشى مۇمكىن؛ ئايروپىلان كۈچلۈك تۇمانلىق ھاۋا رايىغا دۇچ كەلسە ئۇچۇشى ۋە قۇنۇشى تەسلىشىدۇ؛ زىرائەتلەر تۇمانلىق، تۇتۇق ۋە سوغۇق ھاۋا رايىغا ئۇزاق مەزگىل يولۇقسا، مەھسۇلات مىقدارى ۋە سۈپىتى تەسىرگە ئۇچرايدۇ.
例句
شۇ چاغدا تۇمان قاتتىق چۈشۈپ، يولنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇردى.
翻译: تۇمان يامانلاشتى, يولنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇردى.
Common collocation with 'چۈشۈش'
参考资料
领域: ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرىغەربتىن چىقىۋاتقان شامالغا نارازى بولغان تۇمان:
- مېنى نېمىشقا قوغلايسەن؟ - دەپتۇ.
- سەن مەھەللىنىڭ ئۈستىنى قاپلىۋالساڭ، قوغلىماي، بېشىڭدىن سىيلاپ ئەركىلىتىشىم كېرەكمىدى؟
- قاپلىۋالسام نېمە بوپتۇ؟ مەنمۇ باشقىلارغا ئوخشاش سەيلە قىلىپ كۈن كۆرەي - دە!
- كۈن كۆر، ھېچكىم سېنى كۈن كۆرمىسۇن دېمەيدۇ، بىراق باشقىلارنىڭ كۈن كۆرۈشىگە توسالغۇلۇق قىلمىغىن.
ئۆزۈملا دەپ يۈرگەن ھەر قانداق بەندە،
باشقىلار بەختىگە بۇلار كۈشەندە.
关于该词条
这是一个xx–xx词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的参考资料。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。