Uyghur主要词典
تىل تاۋۇشىنى ئاڭلاش سەزگۈسى
پسىخولوگىيە
بۇ نوتۇق تاۋۇشىنى ئاڭلاپ پەرق ئېتىش سەزگۈسىدىن ئىبارەت. تىل تاۋۇشىنى ئاڭلاپ سېزىش تۇرمۇش ئەمەلىيىتى، بولۇپمۇ نوتۇق شارائىتىدا ئۇچرىشىش بىلەن شەكىللىنىدۇ. ئوقوتۇش شارائىتىدا تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلىدۇ. بەزىلەر بالىلارنىڭ 2- 8 ياشقىچە بولغان مەزگىلىنى «تىل ئۆگىنىشنىڭ ئەڭ ياخشى مەزگىلى» دەپ ھېسابلايدۇ، يەنى مەلۇم مىللىي تىلدا سۆزلەيدىغانلار ياكى مەلۇم خىلدىكى شىۋىدە سۆزلەيدىغانلارنىڭ بەزى تىل تاۋۇشلىرىنى ئاڭلاپ سېزىشى ئالاھىدە ئۆتكۈر بولىدۇ. ئۇلانىڭ تىل تاۋۇشلىرىدىكى ئەڭ كىچىك پەرقلەرنىمۇ سېزىۋېلىش قابىلىيىتى (پەرق سەزگۈسى) كۈچلۈك بولىدۇ، باشقا تىللاردىكى بەزى تىل تاۋۇشلىرىنى پەرق ئېتىشى ئاجىز بولىدۇ. بىر تىلنى ئۆگىنىپ ئۇنى ئىگىلەشتە ئاڭلاش ۋەسۆزلەشكە ئالاھىدە قاراش لازىم. دېمەك، تىل تاۋۇشىنى ئاڭلاپ سېزىش قابىلىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ناھايىتى مۇھىم. تۇغما گاسلارنىڭ گاچا بولۇشى مۇقەررەر، ئۇلارنىڭ تەلەپپۇز ئورگانلىرى ساق بولسىمۇ، تىل تاۋۇشىنى ئاڭلاپ سەزگۈسى بولمىغانلىقتىن سۆزلەشنى ئۆگىنەلمەيدۇ، تىل تاۋۇشىنى ئاڭلاپ سېزىش پۈتۈن ئاڭلاش سەزگۈلىرى ئىچىدە ئەڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ ھەم مۇھىم رول ئوينايدۇ. تىل تاۋۇشىنى ئاڭلاپ سېزىش قابىلىيىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشى باشقا ئاڭلاپ سېزىش قابىلىيىتىنىڭ (مەسىلەن مۇزىكا، ماشىنا ئاۋازلىرىنى ئاڭلاپ پەرق ئېتىش) تەرەققىياتىدا ئۆز ئارا ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。