Uyghur主要词典
تىلقانات
شىۋىلەر
سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېرىق - ئۆستەڭ بويلىرىدىكى نەم جايلاردا ئۆسىدۇ.
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق، تىلقاناتقا ئۇرۇقداش
ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 30 ~ 60 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ غولى تىك، كۆپىنچە يۇقىرى قىسمىدىن ئۇدۇل شاخلىنىدۇ، رەڭگى بېغىررەڭ؛ ئوتتۇرا
قىسمىدىكى يوپۇرماقلىرى ئۇدۇل ئۆسىدۇ، يۇقىرى قىسىمدىكىلىرى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، شەكلى تۇخۇمسىمان تېمىنە شەكلىدە، كۆپىنچە
پەيسىمان ئۈچ ~ بەش ئاچىماققا يېرىلىدۇ ياكى يېرىلمايدۇ، گىرۋەكلىرى شالاڭ ھەرە چىشلىق بولىدۇ؛ باشسىمان گۈل رېتى، ئۇچىدا ئۆسىدۇ،
رەڭگى سېرىق؛ ئۇرۇق مېۋىسى شىنىسىمان يالپاق بولۇپ، قىرلىرىدا تەتۈر ئىلمەك تىكەنلىرى بار.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن چۆپى ۋە ئۇرۇقى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنى ياز ۋە كۈز پەسىللىرىدە قېزىۋېلىپ، توغراپ ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ
تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئورمان ياقىسىدىكى
ئوتلاقلار، يول بويلىرى، ساي، سۇ بويلىرى ۋە ئېرىق - ئۆستەڭ بويلىرىدىكى نەم جايلاردا ئۆسىدۇ.
ھۆل سوغۇق.
ھارارەتنى پەسەيتىش، زەھەر قايتۇرۇش، قاننى جانلاندۇرۇش، ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش
خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 15 ~ 70 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
تىلقاناتتىن 35 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، تولغاققا مەنپەئەت قىلىدۇ.
35 ~ 70 گرام ھۆل تىلقاناتنى سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئۆپكە سىلىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
تىلقاناتنىڭ ئۇرۇقىنى قورۇپ قوماچلاپ، سوقۇپ مۇۋاپىق مىقداردا قارا شېكەر قوشۇپ، كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 12 گرامنى رەيھان
شەربىتى بىلەن ئىچىپ بەرسە، بەدەن زەئىپلىكتىن ئۇزۇن مۇددەتكىچە ھەيز توختاپ قېلىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
تىلقاناتنىڭ قۇرۇق يوپۇرمىقىنى سوقۇپ، ئاچچىقسۇ بىلەن قوشۇپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، بەدەن تەمرەتكىسىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
تىل + قانات
ئىسىم
بوتانىكا
مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. رەڭگى سېرىق؛ ئۇرۇق مېۋىسى شىنا شەكلىدە يالپاق بولۇپ، قىرلىرىدا ئىلمەك تىكەنلىرى بولىدۇ. پۈتۈن ئۆسۈملۈك تېنى دورا قىلىنىدۇ، ئىسسىق ياندۇرۇش، زەھەرنى تارقىتىش، قاننى جانلاندۇرۇپ، ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش رولىغا ئىگە.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
يوپۇرمىغى ئۇچلۇق بىر خىل دورىلىق ئۆسۈمۈك.