Uyghur主要词典
تىلەمچى موناخلار جەمئىيىتى
领域: دۇنيا تارىخى<تىلەمچى راھىبلار ئۆمىكى>، <قەلەندەر راھىبلار ئۆمىكى> دەپمۇ تەرجىمە قىلىنىدۇ. ⅩⅢ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا پاپانىڭ يۆلىشى بىلەن قۇرۇلغان كاتولىك موناخلىرىنىڭ تەشكىلاتى. خۇسۇسي مۈلۈك ئىگىلىمەسلىكنى تەشەببۇس قىلىپ، تىلەمچىلىك قىلىش بىلەن تۇرمۇش كەچۈرگەنلىكتىن، شۇنداق دەپ ئاتالغان. جەمئىيەت ئەزالىرى ھەممە يەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىپ، <كەمبەغەللەر ئىنجىلى> دېگەننى تەشۋىق قىلىپ، خەلقتىن نامراتلىققا شۈكرى قىلىپ، پاپاغا سادىق بولۇپ، ئىنقىلابىي كۈرەشتىن ۋاز كېچىشنى تەلەپ قىلغان. شۇڭا، ئەمەلىيەتتە، پاپانىڭ بىدئەت ھەرىكەتلەرگە قارشى تۇرۇشتىكى قورالىغا ئايلىنىپ قالغان. لېكىن يۇقىرى تەبىقىدىكى جەمئىيەت ئەزالىرى سوۋغا - سالاملارنى قوبۇل قىلىش ئارقىلىق، ئۇزاققا قالماي ناھايىتى كۆپ بايلىق توپلىۋالغان. ئۇنىڭ ئوردو فرانسىسكا نورۇم ۋە ئوردو دومىنكا نورۇم دېگەن ئاساسلىق مەزھەپلىرى بار.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。