Uyghur主要词典
تېكىست
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
(لاتىنچە. توقۇلما، ئالاقە سۆزىدىن)
ئاپتورنىڭ ئەسلى سۆزى، ئەسەرنىڭ قول يازمىسى ياكى نەشر قىلىنغان نۇسخسى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئەسەرنىڭ ئىزاھ، ئېلاۋەلىرىدىن باشقا رەسمىي مۇھاكىمە قىسمى؛ ناخشىنىڭ سۆزى.
ئەسەرنىڭ تېكىستىنى ئوقۇماي، مۇندەرىجىدىن چۈشەنچە ھاسىل قىلىمەن، بىلىم ئالىمەن،دېمە. « ئازاد زامان » نىڭ تېكىستىنى مەرھۇم تېيىپجان ئېلىيېۋ يازغان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە<لاتىنچە
يېزىلغان، كۆچۈرۈلگەن، بېسىلغان ئەسەر ياكى ھۆججەتنىڭ ئەسلىسى.
ھەرقانداق ياخشى تەرجىمىمۇ ئەسلىي تېكىستنى تولۇق ئىپادىلەپ كېتەلمەيدۇ.
نۇتۇق، دوكلات قاتارلىقلارنىڭ يازما نۇسخىسى، ئورىگىنالى.
ئۇ دوكلات تېكىستىنى ئىككى - ئۈچ كۈندىن بېرى ئىشخانىدىمۇ، ئۆيىدىمۇ بوشلا ۋاقتى بولسا، يېزىۋاتىدۇ.
مۇزىكا ئەسىرى، ناخشا قاتارلىقلارنىڭ شېئىرى ۋە سۆزلىرى.
لوتپۇللا مۇتەللىپ بولسا ئەينى زاماندا مەكتەپ ناخشىسى تېكىستنى كۆپ يازغان ۋە كۆپ ئاھاڭ ئىقاد قىلىپ، ئۆسمۈرلەرگە ئۆزى بىۋاسىتە ئۆگەتكەنىدى.
سۆزلەر قىسمى؛ ئەسلىي ئىبارىسى، مەزمۇنى (لۇغەتتە).
لۇغەت تېكىستى.
>تىل< قۇرۇلما جەھەتتىن بىر جۈملىدىن ئوشۇق بولغان، مەنە جەھەتتىن نىسپىي ھالدا تولۇق بولغان ئوي - پىكىر ياكى ئىدىيىنى ئىپادىلىگۈچى تىل بىرلىكى. ئۇ تېكىست تىلشۇناسلىقىنىڭ تەتقىقات ئوبيېكتى.