Uyghur主要词典
تىكدى
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
تىكتى؛ چاقتى.
ئەر تون تىكدى _ ئادەم تون تىكتى. ئاتىغ يىلان تىكدى _ ئاتنى يىلان چاقتى. باشقىلاردىمۇ شۇنداق. چايان چاقسىمۇ شۇنداق دېيىلىدۇ. ئەر يىغاچ تىكدى _ ئادەم دەرەخ تىكتى. ھەرقانداق نەرسىنى تىكلەشكىمۇ شۇنداق دېيىلىدۇ ( تىكەر _ تىكمەك). ماقالدا مۇنداق كەلگەن: تىكمەگىنچە ئۈنمەس تىلەمەگىنچە بۇلماس _ تىكمىگۈچە ئۈنمەس، تىلمىگۈچە تېپىلماس، يەنى دەرەخ تىكىلمىگۈچە ئۈنمەيدۇ، مۇرات - مەقسەت ئىزدەنمىگۈچە قولغا كەلمەيدۇ. بۇ ماقال بىرەر ئىشتا كۆزلەنگەن مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن تىرىشىش لازىملىقىغا ئۈندەپ ئېيتىلىدۇ.
2 - 26