Chinese→Uyghur主要词典
提香
دۇنيا تارىخى
تىزىئانو
(1490 - 1576). ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ گۈللىنىش دەۋرىدىكى ئىتالىيىلىك رەسسام، ئىتالىيىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى فرىرىئۇلى رايونىدا تۇغۇلغان. ياشلىق دەۋرىدە ۋېنېتسىيىگە بېرىپ رەسسام بېللىنى (تەخمىنەن 1430 - 1516) نى ئۇستاز تۇتقان ھەمدە ئۆزى بىلەن قۇرداش رەسسام گىئورگىئونېنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. ئۆمرىنىڭ تولىسىنى ۋېنېسىيىدە ئۆتكۈزگەن، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسنىڭ ئىمپېراتورى چارلېس Ⅴ ۋە ئۇنىڭ ئوغلى، ئىسپانىيە كورۇلى فېلىپ Ⅱ نىڭ ئوردا رەسسامى بولغان. ئۇنىڭ ئىجادىيەت سۇژىتى مول بولۇپ، دىنىي ھېكايە ۋە ئەپسانىلەرمۇ، كىشىلەرنىڭ سۈرەتلىرىمۇ بار. ئاساسلىق ئەسەرلىرى <باجغا تۆلىنىدىغان كۈمۈش>، <مەريەم ئانىنىڭ خۇدا دەرگاھىغا كېتىشى>، <شاراب تەڭرىسى بىلەن مەلىكە ئالىيادنى> قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.