Uyghur←Chinese主要词典
تيسسېن گۇرۇھى
دۇنيا تارىخى
蒂森集团
dì sēn jí tuán
ئىتتىپاق گېرمانىيىسىدىكى تيسسېن جەمەتىنى مەركەز قىلغان ئەڭ زور كۆمۈر - پولات مونوپول كاپىال گۇرۇھى. ئۇنىڭ ئاساس سالغۇچىسى ئاۋگۇست تيسېن (1842 - 1926). تيسسېن 1871 - يىلى رۇدا پولات پروكاتلاش شىركىتىنى قۇرغان. بۇ شىركەت بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغىچە ياۋروپادىكى ئەڭ زور كانچىلىق - مېتاللورگىيە بىرلەشمە كارخانىسى بولۇپ تەرەققىي قىلغان. 1926 - يىلى ئۇنىڭ ئوغلى فرىتز تيسسېن (1873 - 1951) بىرلەشمە پولات - تۆمۈر شىركىتىنى قۇرغان. بۇ شىركەت ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ھارپىسىدا، پۈتۈن گېرمانىيىنىڭ قارا مېتال مېتاللورگىيە سانائىتىدىكى ئەڭ زور مونوپول گۇرۇھقا ئايلانغان. ئۇ فاشىستىك كۈچلەرنىڭ ئاساسىي قوللىغۇچىسى بولغان. بۇ گۇرۇھ 1933-يىلىدىن ئىلگىرى ناتىسىستلار پارتىيىسىگە 3 مىليون ماركتىن ئارتۇق راسخوت بېرىپ، گىتلېرنىڭ تەختكە چىقىشىنى قوللىغان ھەمدە فاشىستلارنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن خىزمەت قىلغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن مۇسادىرە قىلىنغان. ئىككىنى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن مۇسادىرە قىلىنغان، 1949-يىلى بىرلەشمە پولات - تۆمۈر شىركىتى <تارقاق> لاشتۇرۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئاۋگۇست تيسسېن پولات - تۆمۈر شىركىتى تيسسېن جەمەتى تەرىپىدىن قايتۇرۇۋېلىنىپ باشقۇرۇلغان، كېيىن ئەمەلىي جەمەتى تەرىپىدىن قايتۇرۇۋېلىنىپ باشقۇرۇلغان. كېيىن ئەمەلىي كۈچى تەدرىجىي ئەسكە كەلگەن. 60-يىللارنىڭ بېشىدا ئىتتىپاق گېرمانىيىسىدىكى ئەڭ زور كۆمۈر - پولات مونوپول تەشكىلاتىغا ئايلانغان. ئۇ يەنە كۆمۈر كان، كېمىسارزلىق، ستانوك ياساش ۋە ھەربىي سانائەت قاتارلىق كەسىپلەر بىلەنمۇ شۇغۇللانغان.