Chinese→Uyghur主要词典
体腔
بىئولوگىيە
تەن بوشلۇقى
ھايۋانلارنىڭ تەن دىۋارى بىلەن ھەزىم قىلىش نەيچىسى ئارىلىقىدىكى بوشلۇق. ئېمېرىئولوگىيە. نۇقتىئىينەزرى ھەھم تەن بوشلۇقىنى ئوراپ تۇرغان توقۇلما تۈزۈلۈشىنى چىقىش نۇقتا قىلغاندا ھەقىقىي تەن بوشلۇقى (كېيىنكى تەن بوشلۇقى) بىلەن يالغان تەن بوشلۇقى (دەسلەپكى تەن بوشلۇقى) دەپ ئايرىشقا بولىدۇ. يالغان تەن بوشلۇقى تۆرەلمە مەزگىلىدىكى خالتىلىق تۆرەلمە بوشلۇقىدىن قېپقالغان بوشلۇق بولۇپ، ئۇنىڭ سىرتى تەن دىۋارى مېزوبلاستنىڭ ئۇزۇن مۇسكۇلىنى چېگرا قىلىدۇ، ئىچى ئېندوبلاستنىڭ ھەزىم قىلىش نەيچە دىۋارىنى چېگرا قىلىدۇ، ئىچكى ئەزا بوشلۇق پەردىسى بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئىچىگە تەن بوشلۇقى سۇيۇقلۇقى تولۇپ تۇرىدۇ، سىرتقى مۇھىت بىلەن تۇتىشىدىغان تۆشۈك يوللىرى بولمايدۇ. تۆۋەن دەرىجىلىك ئومۇرتقىسىز ھايۋانلار مەسىلەن، ئاسكارىدا، چاقلىق قۇرت قاتارلىقلارنىڭ يالغان تەن بوشلۇقىغا كىرىدۇ. ھەقىقىي تەن بوشلۇقى مېزوبلاستنىڭ ئىچكى ئورگان دىۋارى قەۋىتى بىلەن تەن دىۋارى قەۋىتى ئاجرالغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا شەكىللەنگەن بوشلۇق بولۇپ، پۈتۈنلەي مېزوبلاستتىن كەلگەن، تەن بوشلۇقى پەردىسى ئوراپ تۇرغان بوشلۇقتىن ئىبارەت، ئۈچەي ۋە تەن دىۋارىنىڭ ھەممىسىدە مۇسكۇل قەۋىتى ۋە تەن بوشلۇق پەردىسى، ئىچىدە تەن بوشلۇق سۇيۇقلۇقى بولىدۇ، چىقىرىۋېتىش نەيچىسى ياكى كۆپىيىش نەيچىلىرى ئارقىلىق سىرتقى مۇھىت بىلەن تۇتىشىدۇ. بوغۇم تەنلىك ھايۋانلاردىن باشلاپ ھاسىل بولغان. بوغۇم تەنلىك ھايۋانلارنىڭ تەن بوشلۇقى تەن بوغۇمى (ھالقىسى) غا ماس بولۇپ، بىر قاتار كىچىك بوشلۇقلارغا بۆلۈنگەن. مولليۇسكلار، بوغۇم پۇتلۇقلار قاتارلىق ھايۋانلاردا ئىككى خىل تەن بوشلۇقى بىرگە مەۋجۇت. تۆۋەن دەرىجىلىك ئومۇرتقىلىق ھايۋانلاردا پەقەت بىرلا تەن بوشلۇقى بولىدۇ، يۇقىرى دەرىجىلىك ئومۇرتقىلىق ھايۋانلارنىڭ تەن بوشلۇقى بولسا، كۆكرەك بوشلۇقى، قورساق بوشلۇقى ۋە يۈرەك ئەتراپى بوشلۇقى دەپ بۆلۈنىدۇ. ھەقىقىي تەن بوشلۇقىنىڭ شەكىللىنىشى ھەزىم قىلىش، قان ئايلىنىش، چىقىرىۋېتىش، كۆپىيىش قاتارلىق ئورگانلارنىڭ تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ مۇرەككەپلىشىشىدە زور ئەھمىيەتكە ئىگە.
تېببىي,دېھقانچىلىق
tǐ qiāng
بەدەن بوشلۇقىDئورمانچىلىق
tǐ qiāng
تەنچە بوشلۇقىDئۇنىۋېرسال
tǐ qiāng
بەدەن بوشلۇقى