Chinese→Uyghur主要词典
提洛同盟
دۇنيا تارىخى
دېلوس ئىتتىپاقى
بىرىنچى قېتىملىق ئافىنا دېڭىز ئىتتىپاقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئافىنا بىلەن قەدىمكى يۇناننىڭ بىر قىسىم شەھەر دۆلەتلىرى ئوتتۇرسىدا تۈزۈلگەن ئىتتىپاق يۇنان پېرسىيە ئۇرۇشى جەريانىدا پېرىسىيىنىڭ قايتىدىن بېسىپ كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە پېرىسىيىنى ئۈزۈل كېسىل يېڭىش ئۈچۈن ئارىستدېسنىڭ تەشەببۇس قىلىشى ئارقىسىدا مىلادىدىن 478 يىل ئىلگىرى ئافىنانىڭ باشچىلىقىدا يۇنان زېمىنى ۋە ئېيگې دېڭىزى رايونىدىكى بىر تۈركۈم شەھەر دۆلەتلىرى بىرلىشىپ، بۇ ئىتتىپاقىنى تۈزگەن. ئۇ تېز زورىيىپ ئىتتىپاققا كىرگەن شەھەر دۆلەتلىرى تەخمىنەن 200 گە يەتكەن(پېلوپوننېسوس ئىتتىپاقىدىكى شەھەر دۆلەتلىرى قاتناشمىغان). ئىتتىپاقىنىڭ ئورنى ۋە خەزىنىسى دېلوس ئارىلىدىكى ئاپوللون ئىبادەتخانىسىدا تەسس قىلىنغانلىقى ئۈچۈن، شۇنداق دەپ ئاتالغان دەسلەپتە ئىتتىپاققا قاتناشقان ھەرقايسى ئەللەرنىڭ ئورنى باراۋەر بولۇپ كۈچىنىڭ ئازـ كۆپلىكىگە قاراپ مۇئەييەن ساندا كېمە ئەسكەر ۋە مەبلەغ چىقارغان. ئەمما تەشكىللەپ باشقۇرۇش ۋە فلوتقاقوماندانلىق قىلىش ھوقۇقى ئافىناغا مەنسۇپ بولغان. ئافىنا مۇشۇ ھوقوققا تايىنىپ يەنە باشقا ئەللەرنىڭكىگە قارىغاندا كۈچلۈك بولغان دېڭىز فلوتىنى ئارقا تىرەك قىلىپ ئىتتىپاققا قاتناشقان باشقا ئەللەرنى تەدرىجىي ھالدا تىزگىنلەپ ئەمىلىيەتتىكى ئىتتىپاق باشلىقىغا ئايلانغان. ئۇ خەزىنىسىدىكى نۇرغۇن پۇل ۋە ئىتتىپاقداش ئەللەر ھەريىلى تاپشۇرىدىغان مەبلەغ(500 تالانتون ئۆپچۆرىسىدە)گە خالىغانچە ئىگىدارچىلىق قىلغان. ھەتتا ئۇنى يۇتۇۋېلىلپ بۇزۇپ چاچقان، ئەگەر باشقىلار ئۇنىڭغا نارازى بولسا ياكى قاشىلىق قىلسا ئافىنا ھاكىمدارلىرى(مەسىلەن:سىگمون پېرىكلىس، كلېئون قاتارلىقلار) قوراللىق باستۇرغان، مەسىلەن: مىلادىدىن 467 يىل ئىلگىرى تاكسوس ئارىلى، مىلادىدىن 465 يىل ئىلگىرى تاسوس ئارىلى مىلادىدىن 446 يىل ئىلگىرى يوپىيا ئارىلى، مىلادىدىن 440 يىل ئىلگىرى ساموس ئارىلىدا ئېلىپ بېرىلغان باستۇرۇشلار. شۇنىڭ بىلەن ئىتتىپاقىنىڭ خاراكتېرى ئۆزگىرىپ ئافىنا ھۆكۈمرالىرىنىڭ ئىتتىپاقداش كىچىك ئەللەرنى ئېزىپ ئۆزىنىڭ دېڭىزدىكى زوراۋانلىقىنى تىكلەش قورالىغا ئايلىنىپ قالغان. مىلادىدىن 544 يىل ئىلگىرى خەزىنە ئافىناغا كۆچۈرۈلگەندىن كېيىن، ئىتتىپاقداشلارنىڭ ئورنى تېخىمۇ يامانلاشقان. پېلپونېس ئۇرۇشىنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدە ئىتتىپاق يىمىرلىشىكە باشلاپ، ئافىنا ئاخىرىدا مەغلۇپ بولغان( مىلادىدىن 404 يىل ئىلگىرى) ئىتتىپاق سىپارتانىڭ قاتتىق بۇيرۇق قىلىشى بىلەن تارقىتىلغان.