Chinese→Uyghur主要词典
倜洛皮达
دۇنيا تارىخى
پېلوپېدا
(مىلادىدىن ئىلگىرى 104 - 364) قەدىمكى يۇناندىكى تېبېسلىق گېنرال. باي ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇئېپامىنوندا بىلەن بىرلىشىپ تېبېسنىڭ يۇناندىكى ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى كۈچەيتكەن. رىۋايەت قىلىنىشچە، ئېپامىنوندا بىر قېتىملىق جەڭدە جانپىدالىق كۆرسىتىپ پېلوپېدانى قۇتولدۇرۇپ قالغان. شۇنىڭدىن تارتىپ ئىككىيلەن قەدىناس دوستلاردىن بولۇپ قالغانىكەن. مىلادىدىن 379 يىل ئىلگىرى سپارتالىقلارنى تېبېستىن قوغلاپ چىقىرش ئۇرۇشىغا قاتناشقان. شۇنىڭدىن كېيىن ئاتلىق قوشۇنغا قوماندان بولغان. مىلادىدىن 371 يىل ئىلگىرى لېئوكترا جېڭىدە ئېپامىنونداغا ياردەملىشىپ سپارتانى مەغلۇپ قىلغان؛ ئىككىنچى يىلى بىرلىكتە پېلوپوننېس (جەنۇبىي يۇنان) غا قوشۇن تارتقان. شۇنىڭدىن ئىتىبارەن سپارتا ھۆكۈمرانلىق ھالىتىگە خاتىمە بېرىلگەن. دۆلىتىگە قايتقاندىن كېيىن سىياسىي رەقىبلىرىنىڭ شىكايەت قىلىشىغا (ئىككىيلەننىڭ ھەربىي ھوقۇق تۇتۇش مۇددىتى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتىن ئېشىپ كەتكەن) ئۇچرىغان، لېكىن جەڭدە خىزمەت كۆرسەتكەنلىكتىن جازالانمىغان. مىلادىدىن 368 يىل ئىلگىرى تېسالىيە (شىمالىي يۇنان) دىكى پېرې شەھىرىنىڭ ھۆكۈمرانى ئالېكساندرغا قارشى ئۇرۇش قىلىشقا ئەۋەتىلگەندە دەسلەپ نەتىجە قازىنالمىغان. كېيىن ماكىدۇنىيىدە بىر مەزگىل تۇرۇپ ئاندىن تېسالىيىگە (ئەلچى سۈپىتىدە) قايتقان چاغدا ئالېكساندر تەرىپىدىن نەزەربەند ئاستىغا ئېلىنغان؛ مىلادىدىن 367 يىل ئىلگىرى ئېپامىنوندا قوشۇن تارتىپ كېلىپ ئۇنى قۇتۇلدۇرۋالغان. شۇيىلى بۇيرۇققا بىنائەن پېرسىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ پايتەختى سۇساغا ئەلچى بولۇپ بېرىپ، سپارتا بىلەن ئافىنانىڭ تەسىرىنى يوقاتماقچى بولغان. مىلادىدىن 364 يىل ئىلگىرى يەنە تېسالىيىگە بېرىپ ئالېكساندر بىلەن قاتتىق جەڭ قىلغان (ئېيتىشلارغا قارىغاندا كۈن تۇتۇلۇپ ئەسكەرلەر ئالاقزادىلىك ئىچىدە قالغان)، پەقەت 300 ئاتلىق ئەسكەرنى باشلاپ، يول ئۈستىدە قوشۇننى بىرئاز تولۇقلاپ، ئاخىر سۇنۇسېپ خالېدىكى بىر قېتىملىق جەڭدە مەغلۇپ بولۇپ، قەتلى قىلىنغان. تېبېسلىقلار ئۇنىڭ ئۈلۈمىنى داغدۇغىلىق ئۇزاتقان.