Chinese→Uyghur主要词典
提尔西特和约
دۇنيا تارىخى
تىلسىت سۈلھ شەرتنامىسى
ناپولېئون 1807-يىلى روسىيە ۋە پرۇسسىيە بىلەن ئىمزالىغان سۈلھ شەرتنامە. فرانسىيىگە قارشى تۆتىنچى قېتىملىق ئتتىپاق 1807-يىلدا پرۇسسىيە ۋە روسىيە ئارمىيىسىنىڭ ئاساسىي كۈچلىرىنى ئارقا - ئارقىدىن مەغلۇپ قىلغان. چار پادىشاھ ئالېكساندر Ⅰ سۈلھ تەلەپ قىلىشقا مەجبۇر بولغان. 1807-يىلى 7-ئاينىڭ 7-كۈنى تىلسىت (سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كالىنىن ئوبلاستىدىكى سوۋېتسك) تا فرانسىيە ـ روسىيە سۈلھ شەرتنامىسى ئىمزالانغان. سۈلھ شەرتنامىسىگە ئاساسەن، پرۇسسىيە ئېلبا دەرياسىنىڭ غەربىدىكى جايلاردىن ۋە پولشانى بۆلۈشۈۋالغان چاغدا ئىگە بولغان پۈتكۈل زېمىندىن ئايرىلىپ، پەقەت ئېلبا دەرياسى بىلەن نېمان دەرياسىنىڭ ئارىلىقدىكى ئەسلى زېمىنى ۋە سىلېسىيىنىلا ساقلاپ قالالمىغان؛ غەربىي پرۇسسىيە، ھاننوۋېر، ساكسونىيىلەردىن ۋىسېتفالىيە پادىشاھلىقى تەشكىل قىلىنىپ، رېلوم بۇناپارت كورۇل بولغان؛ ئەسلىدە پرۇسسىيىگە قاراشلىق بولغان پولشا (باۋستوكتىن باشقا) دىن پولشا كىنەزلىكى تەشكىل قىلىنىپ، ساكسونىيە كورۇلى تەرىپىدىن كىنەزلىكى تەشكىل قىلىنىپ، ساكسونىيە كورۇلى تەرىپىدىن كىنەز تەيىنلەنگەن؛ پرۇسسىيە ئارمىيىسى قىسقاترىلىپ 40 مىڭ كىشىگە چۈشۈرۈلگەن؛ پرۇسسىيە فرانسىيىگە يۈز مىليون فرانك ئۇرۇش چىقىمى تۆلىگەن؛ روسىيە فرانسىيىگە يۈز مىليون فرانك ئۇرۇش چىقىمى تۆلىگەن؛ روسىيە فرانسىيىنىڭ ياۋروپا قۇرۇقلىقىدا بويسۇندۇرغان رايونلىرىنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ئېتىراپ قىلغان؛ روسىيە پرۇسسىيىگە قاراشلىق پولشانىڭ باۋستوك رايونىغا ھەمدە تۈركىيە بىلەن شۋېتسىيىگە ئەركىن كېڭەيمىچىلىك قىلىش ئىجازىتىگە ئىگە بولغان؛ فرانسىيە بىلەن روسىيە ئەنگلىيە ۋە تۈركىيىگە قارشى مەخپىي ھەربىي ئىتتىپاق تۈزگەن؛ روسىيە بىلەن پرۇسسىيە ناپولېئوننىڭ چوڭ قۇرۇقلۇقنى قامال قىلىش سىياسىتىنى قوبۇل قىلغان. بۇ سۈلھ شەرتنامىسى فرانسىيىگە قارشى تۆتىنچى قېتىملىق ئىتتىپاقنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىدىن دېرەك بەرگەن ۋە ناپولىئوننىڭ روسىيە بىلەن بىرلىشىپ ئەنگىلىيەگە قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت ستراتىگىيىلىك ئىدىيىسىنى ئەكس ئەتتۈرگەن.