Chinese→Uyghur主要词典
条托堡森林战役
دۇنيا تارىخى
نېئۇتوبۇرگ ئورمانلىقى جېڭى
گېرمانلارنىڭ رىم ئىستېلاچىلىرىغا قارشى ئېلىپ بارغان بىر قېتىملىق جېڭى. ئىمپېراتور ئاۋگۇست (ئوكتاۋىئان) تەختتىكى مەزگىلىدە، رىملىقلار گېرمانلار رايونىغا كەڭ كۆلەمدە ھۇجۇم قىلىپ كىرىپ، مىلادى 5 - يىلى رېيىن دەرياسىنىڭ شەرقىدە گېرمان ئۆلكىسىنى تەسىس قىلىپ ھۆكۈمرانلىق قىلغان. مىلادى 9 - يىلى گېرمانلار كىسېسرۇسكلارنىڭ يولباشچىسى ئارمىنىئۇنىڭ رەھبەرلىكىدە رىمغا قارشى چوڭ قوزغىلاڭ قىلغان. رىم باش قوماندانى ۋالېنىس ئۈچ جۈنتۇەن ۋە بىر قىسىم ياردەمچى قوشۇنلىرىنى باشلاپ باستۇرۇشقا بارغاندا، تېئوتوبورگ ئورمانلىقىغا (سابىق فېدېراتىپ گېرمانىيىنىڭ ۋېزېر دەرياسى بىلەن ئىموس دەرياسى ئارىلىقىدىكى رايونلار) ئالداپ ئېلىپ كىرىلىپ پۈتكۈل ئارمىيىسىنى گۇمران قىلغان. ۋالېنىس ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان. ئېيتىلىشىچە ئاۋگۇست بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ، بىر قانچە كۈن <ۋالېنىس جۈنتۇەنىمنى قايتۇرۇپ بەر> دەپ جار سالغانىكەن. بۇ قېتىمقى جەڭ رېين دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى گېرمانلارنىڭ مۇستەقىلىك ئورنىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، رىمنىڭ ئىمپېرىيە زېمىنىنى شىمالغا قاراپ كېڭەيتىش ھالىتىنى توسۇپ قالغان.