Chinese→Uyghur主要词典
条顿骑士团
دۇنيا تارىخى
تېۇتون رىستارلىرى پولكى
ئەھلىسەلىپ قوشۇنلىرى شەرققە تاجاۋۇز قىلغان مەزگىلدە، ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقىي قىرغاقلىرىدىكى ئەھلىسەلىپ دۆلەتلىرىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن، 1198-يىلى پەلەستىندە قۇرۇلغان دىنىي خاراكتېرلىك فېئودال ھەربىي تەشكىلات. ئاساسەن گېرمانىيە رىتسارلىرىدىن تەركىب تاپقان. ⅩⅢ ئەسىرنىڭ باشلىرى ياۋروپاغا قايتىپ كەتكەن. 1226-يىلى پولشا مازوۋىيە كىنەزلىكىنىڭ كىنەزى - گونرادنىڭ چاقىرىقىغا بىنائەن پولشاغا بېىرپ، پرۇسسىيىلىكلەرگە ھۇجۇم قىلغان. 1237-يىلى بالتىق دېڭىزىنىڭ شەرقىي قىرغاقلىرىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن شەمشەرلىك رىتسارلار پولكى بىلەن بىرلىشىپ تەسىر كۈچى كېڭەيگەن. ⅩⅢ ئەسىرنىڭ ئاخىرى شەرقىي پرۇسسىيىنى ئىستىېلا قىلىپ، رىتسارلاr پولكى دۆلىتىنى بەرپا قىلغان. ⅩⅣ ئەسىرنىڭ باشلىرى غەربىي پرۇسسىيىنىمۇ بېسىۋالغان. 1410 - يىل 7-ئايدا گرونۋالد جېڭى (تاننېنبېرگ جېڭى) دا، بولشا، لىتۋا، رۇس بىرلەشمە ئارمىيىسى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان. 1466-يىلى يەنە پولشا تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ، غەربىي پرۇسسىيىنى پولشا تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلنىپ، غەربىي پرۇسسىيىنى پولشا قايتۇرۇۋالغان. رىتسارلاr پولكى پەقەت شەرقىي پرۇسسىيىنى ئىگىلەپ، پولشاغا ئەل بولغان. 1525-يىلى رىتسارلار پولكىنىڭ باشلىقى ئالبرېخىت شەرقىي پرۇسسىيىنى دەھرىي پرۇسسىيە كىنەزلىكىگە ئۆزگەرتىپ، رىتسارلار پولكى ئۆزىنىڭ ئورنىدىن تەدرىجىي مەھرۇم بولغان. 1809-يىلى تارقىتىۋېتىلگەن. 1834-يىلى يەنە ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن ھەمدە ئۆزگەرتىپ تەشكىللەنگەن.