Chinese→Uyghur主要词典
田制详定所
دۇنيا تارىخى
يەر تۈزۈمىنى تەپسىلىي تەكشۈرۈپ بېكىتىش باشقارمىسى
چاۋشيەن لى سۇلالىسىنىڭ يەر بېجىنى بېكىتىش - يىغىش ئورگىنى. 1443 - يىلى (شىزۇڭنىڭ 25 - يىلى) قۇرۇلغان. بۇنىڭدىن مەقسەت لى سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى دەۋرلىردىكى باج يىغىشتىكى ساختىلىقلارغا قارشى تۇرۇپ باج تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىشتىن ئىبارەت. 1444 - يىلى يېڭى باج قانۇنى يەنى ئولپان قانۇنى بېكىتىلگەن. تېرىلغۇ يەر ئالتە دەرىجىگە بۆلۈنگەن بولۇپ، ئەمەلىي باج يىغىش ئۆلچىمىدە پەرق بولغان. يەرنىڭ يىللىق مەھسۇلات مىقدارى مول ھوسۇل ئېلىنغان ياكى كەم ھوسۇل ئېلىنغانلىقىغا قاراپ توققۇز دەرىجىگە بۆلۈنۈپ، ھوسۇل مىقدارى بېكىتىلگەن. ئالتە دەرىجىلىك يەردىن ئېلىنىدىغان باج مىقدارى ئوخشاش بولغان. يىغىپ ئېيتقاندا، تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ دەرىجىسى، يىللىق ھوسۇل ۋە ئۇنى بەلگىلەش ئۆلچىمى، ھەر دەرىجىلىك يەرلەرنىڭ ئەمەلىي يىغىمى، ئاق قالغان يەرلەر ۋە ئاپەتكە ئۇچرىغان يەرلەرنىڭ بېجىنى كۈچۈرۈم قىلىش قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇشبۇ باشقارما بەلگىلەنگەن ھەمدە ئولپان قانۇنىنى ئىجرا قىلىشتا كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا مەسئۇل بولغان. ئىسلاھات 1489 - يىلى (چېڭزۇڭنىڭ 20 - يىلى) تاماملانغان. بۇ تۈزۈم لى سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىغىچە داۋاملاشقان.