Chinese→Uyghur主要词典
田柴科
دۇنيا تارىخى
تېرىلغۇ يەر - ئورمان - مەرتىۋە تۈزۈمى
چاۋشيەن كورىيە سۇلالىسىنىڭ فېئوداللىق يەر ئىگىدالىق تۈزۈمى. يەنى ھۆكۈمەتنىڭ دۆلەت باشقۇرۇشىدىكى تېرىلغۇ يەر ۋەئورمانلارنى ئۇنۋان ياكى ئەمەل دەرىجىسى بويىچە مۈلكىي، ھەربىي ئەمەلدارلار، يەرلىك تۆرىلەر ۋە لەشكەرلەرگە بۆلۈپ بېرىش تۈزۈمى. بۇ ھەقتىكى مەلۇمات <كورىيە تارىخى. مال مۈلۈك، ئوزۇق تۈلۈك تەزكىرىسى> دە خاتىرىلەنگەن. مىلادى مۈلۈك، ئوزۇق - تۈلۈك تەزكىرىسى< دە خاتىرىلەنگەن. مىلادى 976-يىلى (چىڭزۇڭنىڭ تۇنجى يىلى) يولغا قويۇلغان. بۇ تۈزۈم بويىچە مۈلكىي، ھەربىي ئەمەلدارلار 79 دەرىجىگە ئايرىلىپ، تەرتىپ بويىچە تېرىلغۇ يەرئورمان بۆلۈپ بېرىلگەن. 1-دەىرجىلىك ئەمەلدارغا تېرىلغۇ يەر ۋە ئورماننىڭ ھەر قايىسىسىدىن ئوخشاشلا 110 كېسىم، ئەڭ تۆۋەن دەرىجىلىك ئەمەلدارغا تېرىلغۇ يەردىن 21 كېسىم، ئورماندىن ئون كېسىم بېرىلگەن. كېيىنكى چاغلاردا نەچچە قېتىم ئۆزگەرتىلگەن. تېرىلغۇ يەر ۋە ئورمانغا ئىگە بولغان ئەمەلدارلارنىڭ ئەۋلادى قالمىسا، تېرىلغۇ يەر - ئورمان قايتۇرۇۋېلىنغان، تۆرىلەر ئەمەل تۇتسا تېرىلغۇ يەر قايتۇرۇۋېلىنغان. ئەسكەرلەرنىڭ يېشى 20 گە يەتكەندە تېرىلغۇ يەر بېرىلگەن، يېشى 60 قا يەتكەندە قايتۇرۇۋېلىنغان. ئەسكەرلەرنىڭ نەۋرە - چەۋرە، تۇغقانلىرى بار بولسا ئۇلار ئەسكەرلىككە ئېلىنغان، ئەگەر يوق بولسا، ئۇلار ئىشىك باقارلىققا قويۇلغان. ئۇلارنىڭ يېشى 70 تىن ئاشقاندا ئۇلارغا ئوزۇقلۇق ئاشلىق يېرىلا بېرىلىپ، يەرنىڭ ئوشۇق قىسمى ياندۇرۇۋېلىنغان، كېسەل بولۇپ ئۆلۈپ كەتكەن ۋە ئۇرۇشتا ئۆلگەن ئەسكەرلەرنىڭ خوتۇن - بالىلىرىغىمۇ ئوزۇقلۇق ئاشلىق يېرى بېرىلگەن. ئۇنىڭدىن باشقا 977-يىلى (جىڭزۇڭنىڭ 2-يىلى) ۋە 1049 - يىلى (ۋېنزۇڭنىڭ 3-يىلى) دۆلەتكە خىزمەت كۆrسەتكەن ۋەزىرلەر، ساداقەتمەن تۆرىلەر ۋە 5-دەرىجىدىن يۇقىرى ئەمەلدارلارنىڭ ئىگە بولغان تېرىلغۇ يەرئورمانلىرىغا ئۇلارنىڭ ئەۋلادتىن - ئەۋلادقا ۋارىسلىق قىلىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن. 983-يىلى (چىڭزۇڭنىڭ 2-يىلى) دىن باشلاپ ئوردا ـ ساراي دىۋان، ۋىلايەت، ئايماق، ناھىيەت، ئۆتەڭ - بېكەت قاتارلىق ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا دۆلەت باشقۇرۇشىدىكى تېرىلغۇ يەر - ئورمانلارنى بۆلۈپ بېرىش يولى بىلەن مەمۇرى خىراجەت تولۇقلانغان. بۇ تۈزۈم بويىچە يەرگە ئىگە بولغۇچىلار بەلگىلىك كۆلەمدىكى يەرنى بىۋاسىتە باشقۇرماستىن، پەقەت دۆلەت بەلگىلەپ بەرگەن ئىجارە نورمىسى بويىچە ئىجارە ھەققى ئېلىش ھوقۇقىلا بولغان. تېرىلغۇ يەر - ئورمان - ئاقسۆڭەكلەرنىڭ فېئوداللىق ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىش ۋە ھوقۇق مەركەزلەشتۈرۈلگەن ھۆكۈمرالىقنىڭ ئاساسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ⅩⅡ ئەسىردىن كېيىن دېھقانلار بىلەن پومېشچىكلا ئوتتۇرىسىدىكى سىنىپىي قارىمۇقارشىلىق ۋە مۈلكىي، ھەربي ئەمەلدار ئاقسۆڭەكلەر بىلەن فېئودال دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى يەر - زېمىن تالىشىش زىددىيىتىنىڭ ئۆتكۈرلىشىشى تۈپەيلىدىن بۇ تۈزۈم گۇمران بولۇشقا قاراپ يۈزلەنگەن. كورىيە دۆلىتى يۈەن سۇلالىسىگە تەسلىم بولغاندىن كېيىن قۈلكىي ۋە ھەربىي ئەمەلدار ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ھەدەپ يەر قوشۇۋېلىشى، خۇسۇسىي يەرلەرنىڭ كېڭىيىپ روناق تېپىشى نەتىجىسىدە كورىيە سۇلالىسى گۇرمان بولغان 1390-يىلى (پادىشاھ گۇڭراڭنىڭ 2-يىلى) لى سۈڭگې بۇ تۈزۈمنى بىكار قىلغان.