Chinese→Uyghur主要词典
提阿华那柯
دۇنيا تارىخى
تياخۋاناكو
(قەدىمكى ئىندىئان تىلىدا <دۇنيانى ياراتقۇچى مەركەز> دېگەنلىك بولىدۇ. بولىۋىيىدىكى قەدىمكى زامان مەدەنىيىتىنىڭ خارابىسى. ئىندىئانلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى دىنىي ۋە مۇراسىم مەركىزى بولۇپ، تىتىكاكا كۆلىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا 20 كىلومېتىر كېلىدىغان 4000 مېتىر ئېگىزلىككە جايلاشقان. مىلادى Ⅲ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا مەۋجۇت بولۇپ، تەخمىنەن Ⅹ ئەسىردىن كېيىن بارا - بارا خارابلاشقان. پۈتكۈل قۇرۇلۇشنىڭ ئۇلىدىن تارتىپ تېمىنى قوپۇرۇپ زىننەتلەشكىچە ھاك لاي ئىشلىتىلمىگەن بولۇپ، نەچچە ئون توننا ئېغىرلىقتىكى يوغان تاشلار راۋرۇس ۋە تەكشى قويۇلۇپ، تاشلارنىڭ ئارىلىقى ھىم جىپسىلەشتۈرۈلۈپ، گىرەلەشتۈرۈپ ئىنتايىن پۇختا قوپۇرۇلغان. پىرامىدا قورۇق تېمىغا ئويۇلغان ئادەم شەكىلىك ئىلاھلارنىڭ تاش ھەيكەللىرى خۇددى بىر ئادەمنىڭ قولىدىن چىققاندەك، نەپىس ئىشلىنىپ كامالەتكە يەتكەن. داڭلىق <قۇياش دەرۋازىسى> نىڭ كەڭلىكى 3.84 مېتىر، ئېگىزلىكى 3 مېتىر، قېلىنلىقى 0.5 مېتىر بولۇپ، ئېغىرلىقى تەخمىنەن 10 توننا كېلىدىغان بىر يوغان تاشتىن ئويۇپ ياسالغان. ھەر يىلى يازلىق كۈن - تۈن توختىغان چاغدا، قۇياش دەل دەرۋازا كارىدورىنىڭ ئوتتۇرا ئوق سىزىقىنى بويلاپ يۇقىرى كۆتۈرىلىدۇ. بۇ ھال ئەينى زاماندىكىلەرنىڭ ئۈستۈن ئاسترونومىيە بىلىمىنى ئىگىلىگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.