Uyghur主要词典
تىغراقلاندى
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
قەيسەرلەشتى، غەيرەتلەندى.
ئەر تىغراقلاندى _ ئادەم قەيسەرلەشتى، غەيرەتلەندى ( تىغراقلانۇر _ تىغراقلانماق). شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
تىغراقلانىپ سەكىرتتى
ئەرىن ئاتىن يۈگۈرتتى
بىزنى قامۇغ ئاڭىتتى
ئانداغ سۈگە كىم يەتەر
«قەيسەرلىنىپ ئېتىلدى،
يىگىت ئاتلىرىنى چاپتۇردى،
بىزنى تامام ھاڭ - تاڭ قالدۇردى،
ئۇنداق قوشۇنغا كىم تەڭ كېلەلەيدۇ؟»
جەڭدە ھۇجۇم قىلغان بىر ئادەمنىڭ شۇنداق تەسۋىرلىنىدۇ: ئۇ باتۇرلۇقىنى كۆرسەتتى، ئاتلىق ۋە پىيادە ئادەملىرىنى بىزگە قارىتىپ چاپتۇردى، ماھارىتى بىلەن بىزنى ھەيران قالدۇردى، بۇنداق قوشۇنغا كىم تەڭ كېلەلەيدۇ؟
2 - 400