Uyghur主要词典
تەئزىر جازا
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
شەرىئەتتە بەلگىلەنگەن جازا تۈرلىرىنىڭ بىرى. <قۇرئان كەرىم> دە ۋە ھەدىستە بەلگىلەنمىگەن، ئەدلىيە ئورگانلىرى ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ بەلگىلەيدىغان جازا بولۇپ، سەغىر گۇناھى قىلمىشلارغا ماس كېلىدۇ. شەرىئەت تەقىبىگە خىلاپلىق قىلغان ياكى شەرىئەتتە بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىشتىن باش تارتقان، لېكىن ھۇدۇدكە ماس كەلمەيدىغان جىنايى قىلمىشلارغا مۇشۇ جازا بېرىلىدۇ. لېكىن، ئۇنىڭ جازالاش ئۆلچىمى پرىنسىپ جەھەتتە ھۇدۇدتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.