Chinese→Uyghur主要词典
特异投射系统
بىئولوگىيە
خاس پرويېكسىيىلىگۈچى سىستېما
ھەر خىل سېزىملارنىڭ كىرگۈچى تالالىرىنىڭ چوڭ مېڭە پوستلىقىدا پرويېكسىيىلىنىپ چوڭ مېڭە پوستلىقىدا سېزىم پەيدا قىلىدىغان يەتكۈزۈش سېىستېمىسى، ھەر خىل سېزىملەرنىڭ كىرگۈچى تالالىرىنىڭ چوڭ مېڭە پوستلىقىدا پرويېكسىيىلىنىشنىڭ خاس پرويېكسىيىلەش ۋە خاس بولمىغان پرويېكسىيىلەش (<خاس بولمىغان پرويېكسىيىلىگۈچى سىستېمىغا) قارالسۇن> تىن ئىبارەت ئىككى سىستېمىسى بولىدۇ. خاس پرويېكسىيىلىگۈچى سىستېمىنىڭ سېزىمىنى چوڭ مېڭە پوستلىقىغا يەتكۈزۈشى ئادەتتە ئۈچ دەرىجىلىك نېۋرونلار تەرىپىدىن ئورۇنلىنىدۇ. بىرىنچى دەرىجىلىك نېۋرون يۇلۇن نېرۋا تۈگۈنى ياكى مېڭە نېرۋىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك سەزگۈ نېرۋا تۈگۈنلىرىگە جايلاشقان. ئىككىنچى دەرىجىلىك نېۋرونلار يۇلۇننىڭ ئارقا بۇلۇڭى ياكى مېڭە غولىنىڭ مۇناسىۋەتلىك سەزگۈ نېرۋا يادروسىغا جايلاشقان. ئۈچىنچى دەرىجىلىك نېۋرونلار دۆڭچە مېڭە نېرۋا يادروسىغا جايلاشقان بولۇپ، ئاخىرىدا دۆڭچە مېڭە پوستلاق قەۋىتىنىڭ ئالاھىد بەلگىلەنگەن رايونىغا پرويېكسىيىلىنىدۇ. ھەربىر خىل سېزىمنىڭ يەتكۈزۈپ پرويېكسىيىلىنىشى خاسلىققا ئىگە بولۇپ، ھەر قايسىسىنىڭ يۇقىرىغا يەتكۈزۈلىدىغان مەخسۇس يولى بولىدۇ. مەسىلەن، تېرە رېتسىپتورلىرىنىڭ ھارارەت سېزىمىنى يەتكۈزۈش يولى، ئاغرىش سەزگۈسىنى يەتكۈزۈش يولى ھەم قۇلاق قۇلۇلىسىدىن كەلگەن ئاڭلاش سېزىمىنى يەتكۈزۈش يولى قاتارلىقلار. لېكىن كۆرۈش، ئاڭلاش، پۇراش سېزىملىرىنىڭ يەتكۈزۈلۈش يولى نىسبەتەن مۇرەككەپ بولۇپ، كۆرۈش سېزىمىنىڭ يەتكۈزۈلۈشى كۆرۈش تور پەردىسىدىكى كۆرۈش تاياقچە ھۈجەيرىلىرى ۋە كۆرۈش پرامىدا ھۈجەيرىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا تۆت دەرىجىلىك نېۋرونلاردىن ئالماشقاندىن كېيىنلا ئاندىن چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتىگە بارىدۇ. ئاڭلاش سېزىمى تېخىمۇ مۇرەككەپ بولۇپ، تۆت دەرىجىدىنمۇ يۇقىرى نېۋرونلاردىن ئالمىشىدۇ. پۇراش سېزىمىنىڭ يەتكۈزۈلۈشى دۆڭچە مېڭىدىن ئۆتمەيدۇ. سېزىمنىڭ خاس پرويېكسىيىلىگۈچى سىستېمىسى ئەڭ ئاخىرىدا پوستلاق قەۋىتىنىڭ مەلۇم بىر ئالاھىدە بەلگىلەنگەن تار رايونىدا ئاخىرلىشىدۇ. مەسىلەن، كۆرۈش سېزىمى گەجگە ياپرىقى دۇكۇرسىمان يېرىقچە ئەتراپىغا پرويېكسىيىلىنىدۇ. ئاڭلاش سېزىمى چېكە ياپراقچىسىنىڭ چېكە كۆندىلەڭ پۈرۈمخگە پرويېكسىيىلىنىدۇ ھەم شۇ يەردە سېزىمگە ئايلىنىدۇ.