Uyghur主要词典
تەسۋىسىمان يۈسۈن
بىئولوگىيە
كۆك يۈسۈنلەر تىپى، تەسۋىسىمان يۈسۈنلەر ئائىلىسىگە كىرىدۇ. يۈسۈن تېنى يېپىشقاق كولونىيە بولۇپ، شارسىمان، پلاستىنكىسىمان ياكى يىپسىمان بولىدۇ، رەڭگى قارامتۇل يېشىل، قوڭۇر ۋە يېشىل ۋە سارغۇچ قوڭۇر بولىدۇ، قۇرۇغاندىن كېيىن قۇرۇلۇپ قارا رەڭگە ئۆزگىرىدۇ. كولونىيە تېنى كوللوئىد ياكى يۈسۈن يىپىدىن تۈزۈلىدۇ. يۈسۈن يىپى ئەگرىلىشىپ ئورالغان بولۇپ شەكلى شارغا يېقىن كېلىدىغان ھۈجەيرىدىن تۈزۈلىدۇ، تەسۋىسىمان بولىدۇ؛ يۈسۈن يىپىنىڭ ھەر بەلگىلىك ئارىلىقىدا بىر دانىدىن غەيرىي ھۈجەيرە بولىدۇ. غەيرىي ھۈجەيرىنىڭ ئىچىدىكى ماددىلار سۈزۈك، پوستى قېلىن، ھەر بىر ئۇچىدا بىردىن شارسىمان قېلىنلاشقان بوغۇمى بولىدۇ. تەسۋىسىمان يۈسۈنلەر سۇدا لەيلەپ ياكى تاشلارنىڭ ئارىسىدا، ياكى زەيكەش يەرلەردە ئۆسىدۇ. جۇڭگونىڭ ھەممە يېرىدە بولىدۇ. ئۇنىڭ ئىچىدە ئىستېمال قىلىقا بولىدىغانلىرىدىن ئادەتتىكى تەسۋىسىمان يۈسۈن (N. commune) يەنى كاللەك نوستوك، قارا يۈسۈن (N. flagelliforme) قاتارلىقلار بار. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇنلىغان ئازوتنى تۇراقلاشتۇرىدىغان تۈرلىرى بار. مەسىلەن، توچكا شەكىللىك تەسۋىسىمان يۈسۈن (N.punctiforme) ساسلىق تەسۋىسىمان يۈسۈنى (N. paludosum) قاتارلىقلار تۇپراقنى مۇنبەتلەشتۈرۈىدۇ.