Uyghur主要词典
تەشكىللىمەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرەر مەقسەت ئۈچۈن كۆپچىلىكنى تەشكىلىي ھالەتكە كەلتۈرمەك.
بىز كۆپچىلىكنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتى ئېلىپ باردۇق. دېھقانلار ئېرىق - ئۆستەڭ سۇ قۇرۇلۇشىغا ئۇيۇشتۇرۇلدى. تەشكىللىنىپ، كۈرەشكە ئاتلىنايلى. ئىشچىلار ساۋات چىقىرىش كۇرسلىرىغا تەشكىللەندى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
تەشكىلى بار، ئويۇشقان، ئۆملەشكەن ھالەتكە كەلتۈرمەك.
يەر تېرىساق چالمىنى، ئەر ۋە ئايال چوقۇيدۇ. تەشكىللىسەك ئاممىنى، ئىشلەپ ناخشا ئوقۇيدۇ.
قۇرماق، بارلىققا كەلتۈرمەك.
رەھبەرلىك بۇ ئەترەتنى ئايرىپ باغۋەنچىلىك مەيدانى قىلىپ تەشكىللىدى.