Uyghur←Chinese主要词典
تەڭشەش تاياقچىسى
بىئولوگىيە
平衡棒
pínghéngbàng
پاشا، چىۋىن قاتارلىق قوش قاناتلىقلار ئەترىتىدىكى ھاشاراتلارنىڭ كېيىنكى قانىتى رۇدىمېنتلىشىپ ھاسىل قىلغان كىچىك پەردە ماددىلىق تاياقسىمان جىسىم. ئەركەك قاسىراق قۇرتىنىڭ كېيىنكى قانىتىمۇ رۇدىمېنتلىشىپ تەڭشەش تاياقچىسىغا ئايلانغان. ئۇچقان چاغدا تەڭشەش تاياقچىسى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە تەڭشەش رولىنى ئوينايدۇ. ئەركەك ئەشمە (پىلىك) قاناتلىقلار ئەترىتىدىكىلەرنىڭ بولسا، كېيىنكى قانىتى رۇدىمېنتلىشىپ تاياقسىمان ئاپپاراتقا ئايلانغان. شۇڭا ئالدىنقىسىدىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن ئۇ يالغان تەڭشەش تاياقچىسى دەپ ئاتالغان.
ئۇنىۋېرسال
调谐棒
tiáo xié bàng