Uyghur主要词典
تەشبېھىيە
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(ئادىمىيلەشتۈرگۈچىلەر) ئىسلام دىنىنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدىكى ئىلمىي تەۋھىد مەزھەپلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئاللانىڭ ئوبرازىنى ۋە سۈپىتىنى ئادەمگە ئوخشىتىپ تەسۋىرلىگەنلىكى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. ئىسلام دىنىنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدە نۇرغۇن مۇسۇلمانلار <قۇرئان كەرىم> دىكى مۇناسىۋەتلىك سۈرىلەرنى (7 -، 27 -، 54 -، 55 - قاتارلىق سۈرىلەرنى) ئاساس قىلىپ، ئاللانىڭ زاتىنى سىموۋۇللۇق سېلىشتۇرما قىلغان. مەسلەن، ئاللانىڭ جېنى بارلىقىغا، ئاڭلىيالايدىغان، كۆرەلەيدىغان، سۆزلىيەلەيدىغانلىقىغا، تېنى ۋە پۇت - قولى بارلىقىغا، ئىمان ئېيتقانلار ئاخىرەتتىكى جەننەتتە ئاللانى كۆرەلەيدىغانلىقىغا ئىشنىپ، تارىختا <سىماچىلار مەزھىپى> دەپ ئاتالغان. مۇئتەزىلىيە مەزھىپى بارلىققا كەلگەندىن كېيىن، ئاللانىڭ بىرلىكى ھەققىدىكى تەلمىاتتا چىڭ تۇرۇپ، ئاللانى ئادىمىيلەشتۈرۈشنى ئىنكار قىلىپ، سىماچىلارنى ئەيىبلىدى. Ⅸ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا سىماچىلار مەزھىپى داۋاملىق تەرەققىي قىلىپ، تەشبېھىيە بولۇپ شەكىللەندى. بۇنىڭغا ھىشام بىننى ھەكەم (تۇغۇلغان ۋە ۋاپات بولغان ۋاقتى ئېنىق ئەمەس) ۋەكىللىك قىلدى. ئۇ ئاللانىڭ زاتى ئادەمگە ئوخشايدۇ. ئاللادا ئادەمنىڭكىدەك پۇت - قول ۋە ئەزالار، يەتتە خىل ئالاھىدىلىك بولىدۇ، دەپ ئوتتۇرىغا قويدى ھەمدە ئاللانىڭ ئوبرازىنى ھەر خىل تەسۋىرلىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، <بەدەن تەرەپدارلىرى> پەيدا بولۇپ، ئاللا ئىنسان بىلەن ئوخشاش شەكىل، ئوخشاش جىنىسلىق دېگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئاللانىڭ ئادەم بەدىنىگە ئوخشاش شەكىلدە كۆرۈنىدىغانلىقىغا ئىشەندى. سىماچىلار مەزھىپى ۋە تەشبېھىيە سۈننىي مەزھىپى تەرىپىدىن <بىدئەتلەر> دەپ قارالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئاللانىڭ يەتتە خىل ئاساسىي سۈپەتكە، يەنى ھاياتلىق، ئىرادە، ئىقتىدار، بىلىم، ئاڭلاش، كۆرۈش ۋە سۆزلەش ئىقتىدارىغا ئىگە دەيدىغان قارىشىدا چىڭ تۇردى. بۇ قاراش مۇتەكەللىمۇنلار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىپ، مۇسۇلمانلار ئارىسىدا كەڭ تەسىرگە ئىگە بولدى.