Uyghur主要词典
تەسەۋۋۇپچىلىق تەپسىرى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
<قۇرئان كەرىم> نى تەپسىر قىلىدىغان ئېقىملارنىڭ بىرى بولۇپ، ئىسمائىلىيە ۋە سوپىلارنىڭ <قۇرئان كەرىم> دىكى 3 - سۈرە 7 - ئايەتنىڭ <مۇتە شابىھ> (يەنى مەنىسى مۇئەييەن ئەمەس) ۋە <مۇھكەم> (يەنى مەنىسى ئوچۇق) ئايەتلەر توغرىسىدا بەرگەن ئۆزىگە خاس ئىزاھاتلىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. (1) شىئە مەزھىپى ئاللانىڭ ئىمامغا سۈرە - ئايەتلەرنى چۈشەندۈرۈش ھەققىدە بەرگەن مۇقەددەس ھوقۇقىنىلا ئېتىراپ قىلىدۇ. ئىمام جامائەت مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئەھۋال ئاستىدا <قۇرئان كەرىم> نىڭ زاھىر مەنىسىنى چۈشەندۈرسىمۇ، زاھىر مەنىسىنى قويۇپ تۇرۇپ، غايىبانە مەنىسىنى ئېچىپ بەرسىمۇ بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە پەيغەمبەر جەمەتى (شىئە مەزھىپى جەمەتى) نىڭ ھەدىس ئاساسلىرىنى تەكىتلەپ، ساھابىلار رىۋايەت قىلغان ھەدىسلەرگە ئەھمىيەت بەرمىدى. ئۇلارنىڭ تەپسىرى غەلىتە، سىرلىق بولدى. تەبەرسى (؟ - 1143) نىڭ <مەجمەئەل بايان ئۇلۇما ئەل قۇرئان> ناملىق ئەسىرى، تەسەۋۋۇپچىلارنىڭ تەپسىرلىرى، مەسىلەن، <نۇر> سۈرىسى، قىسسەتۇل مىئراج، ئەرەب ھەربلىرى بىلەن باشلانغان بەزى سۈرىلەر، (مەسىلەن، 2 -، 3 - سۈرە قاتارلىقلار)، ئاخىر زامان تەلىماتى قاتارلىقلار توغرىسىدىكى تەپسىرلىرى ئۇلارغا ۋەكىللىك قىلدى. <تەپسىر ئىبنى ئەرەبى> مەشھۇر تەپسىر بولۇپ، بىر قىسىم ئۆلىمالار ئۇنى باتىنىيە ئېقىمىنىڭ داھىيىسى ئابدۇرازاق قەسەنى (؟ - 1329) يازغان، دەپ قارايدۇ. ئۇلار سوپىلار بىلىدىغان مەخپىيەتلىكنى يېتەكچى قىلىپ، <قۇرئان كەرىم> نىڭ زاھىر مەنىسىنىڭ ئەكسىچە بولغان تەپسىرنى، يەنى مەنىۋى جەھەتتىكى ئىجتىھادنى يېزىپ چىقتى. ئۇلار قۇرئاننىڭ زاھىر مەنىسىنى ئىنكار قىلمىدى. لېكىن، تەپسىردە سۈرە - ئايەتلەرنىڭ باتىن مەنىسىنى چۈشىنىشكە يېتىشنى مەقسەت قىلدى. ھەربىر ئايەتنىڭ مۇنداق تۆت خىل مەنىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەشەببۇس قىلدى؛ زاھىر مەنىسى (ئوقۇشقا قارىتىلىدۇ)؛ باتىن مەنىسى (چۈشىنىشكە قارىتىلىدۇ)؛ بېكىتىش، يەنى مەلۇم ئىش، مەلۇم شەيئىنىڭ شەرىئەتكە ئۇيغۇن ياكى ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى بېكىتىدۇ؛ تەكشۈرۈشتىن ھالقىش، يەنى قەلب ئىدار قىلىدىغان ئورۇندا تۇرغاندا چۈشەنگەن شەيئىلەر ئۈستىدە چۈشەنچە بېرىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى كېيىنكىسى سۈرە - ئايەتلەرنىڭ سىرلىق مەنىسىگە ئەھمىيەت بېرىشنى، سوپىلىق ھېسسىياتىغا ۋە بىۋاسىتە تۇيغۇغا تايىنىپ ئاللانىڭ ئۆزلىرىگە ئاتا قىلغان مۇقەددەس يېتەكچىلىكىگە ئىگە بولۇشنى تېخىمۇ تەكىتلىرى. ئۆلىمالار بۇنداق ئالاھىدىلىككە ئىگە تەپسىرنىڭ ئىككى شەرتىنى بەلگىلىدى؛ (1) يېتەكچى خۇسۇسىيىتى ياكى ئىچكى مەنىسى تىل جەھەتتىكى ئاساسقا ئىگە بولۇشى كېرەك؛ (2) <قۇرئان كەرىم> دىكى ئېنىق زاھىر مەنا بىلەن ئىسپاتلىنىشى كېرەك.