Uyghur主要词典
تەرز
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئۇسۇل، چارە؛ يوسۇن، شەكىل:
ئانى شاھەنشەھ بىلىڭ كۆرگەچ زۇمۇرەد تەخت ئۆزە،
بىر گەدا تەرزىدە گۇلخەن ئىچرەدۇر جويەندىسى.
ئەرشى.
سەبا ئوشبۇ ساڭا بۇ قۇلنىڭ ئەرزى،
بىلۇر سەن جۈملە ئىشنىڭ ھەرنە تەرزى.
خىرقەتى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
سۈرەت، رەۋىش، يوسۇن، تەرتىپ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرەر ئىش _ ھەرىكەتنى ھەل قىلىشتا قوللىنىلىدىغان قائىدە _ يوسۇن.
ئاققا قارا يوق، قارىغا چارە. تەدبىرىڭ قانداق بولسا، تەقدىرىڭ شۇنداق بولار. ھەر تەدبىر ھەممىگە ماس كېلىۋەرمەس. يوققا ئامال يوق. ئامال تاپقاندىن ئەجەل قاچار. قۇرۇتنى يوقىتىشنىڭ ئىلاجى قايناق سۇ. سەۋەب قىلساڭ، سېۋەتتە سۇ توختار. دەردكە سەۋەب تېپىلار. تەرتىپنى تەرزى كۆپ بۇزار. ھەر ئىشنىڭ يولى بار. يولىنى بىلسەڭ سۇ ئۆگزىگە چىقار. ۋاستىسى رەزىلىنىڭ مەقسىتى ياخشى بولماس. ئوقۇتۇش مېتودى ناھايتى مۇھىم.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرەر شەيئىنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى، تۈزۈلۈشى.
قوغدىنىشنىڭ ئەپلىك شەكلى _ ھۇجۇم. فورما مەزمۇنغا بېقىنىدۇ. بۇ تەرز بىزگە لايىق ئەمەس.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ھالەت، شەكىل، يوسۇن، تەرىقە.