Uyghur主要词典
تەرىقەتۇل ئۇسۇلىل ئەربەئە
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەسەر <تەرىقەتۇل ئۇسۇلىل ئەربەئە تەرجىمىسى ۋە شەرھى>، <تەرىقەتۇل ئۇسۇلىل ئەربەئەنىڭ ئىنچىكە ئىزاھاتى>، <تەرىقەتۇل ئۇسۇلىل ئەربەئەنىڭ قوشۇمچە يۈزەكى ئىزاھاتى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. جۇڭگودىكى ئىسلام دىنى ئەسىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭ مىڭ ۋە چىڭ سۇلالىلىرى ئارىلىقىدا جاڭ جۇڭ تەرجىمە قىلغان. <ئىمان ئەقىدىلىرى> نۇسخىسىدىن كېيىن توپلام قىلىنغان. ئىستىقامەت قىلغۇچىنىڭ سەھەردە ۋە كەچتە ئوقۇشى زۆرۈر بولغان تۆت پارچە ئەسەردۇر. ئىسلام دىنىغا دائىر بىلىملەر خەنزۇچە تونۇشتۇرۇلغان ئەسەر بولۇپ، تۆت جىلدتىن تەركىب تاپقان. 1 - جىلدتا ئىماننى بىلىش سۆزلىنىدۇ. 2 - جىلدتا ئاللانى ۋە ئىسلام دىنىنى تونۇش سۆزلىنىدۇ. 3 - جىلدتا ئىبادەت ۋە ئىبادەتكە مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر سۆزلىنىدۇ. 4 - جىلدتا غۇسلى قىلىش، تەرەت ئېلىش ۋە باشقا پەرز، سۈننەتلەر سۆزلىنىدۇ. قوللىنىلغان ئۇقۇملار (مەسىلەن، <ئىمان>، <ئىماننىڭ بېشى>، <ئىماننىڭ تېنى>، <ئىماننىڭ يۈرىكى>، <ئىماننىڭ پوستى>، <ئىماننىڭ يىلتىزى>، <ئىماننىڭ مېۋىسى>، <ئىماننىڭ ئۇرۇقى>، <ئىماننىڭ شېخى> قاتارلىقلار) ۋە ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەر (مەسىلەن، ئىمان يارىتىلغانمۇ قانداق دېگەندەك مەسىلىلەر) سوئال - جاۋاب تەرىقىسىدە ۋە مەدرىسە تىلىدا چۈشەندۈرۈلگەن. بۇلار مەدرىسە تالىپلىرى، بولۇپمۇ ئەرەبچە بىلمەيدىغان تالىپلارغا تەييارلانغان.