Uyghur主要词典
تەرك
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
كەچمەك، تاشلىماق، قويماق، قالدۇرماق.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
تېز:تەرك كەل - تېز كەل.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يۇقىرى سۈرئەت.
ئىشى تېزنىڭ ئېشى تېز. تېز قارار قىلغان تېز توۋا قىلار. پات بېرىپ، پات كەل. چاپسانغا بار، لايىپاسقا يوق. ئاسان كەلگەن چاپسان كېتەر. بەك ئىتتىك پالتا پات گاللىشار. گىجىڭ ئۈستىدىن ئىلدام گاداي ياخشى. ھاياسىز ئىشلاردىن ئۆزۈڭنى تارتقىن، خەيرلىك ئىش بولسا، ئىلدامراق چاپقىن.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
تېز.
تەرك كەل _ تېز كەل. ھەر قانداق بىر ئىشنى تېز قىلىشقا ئۈندەشكىمۇ مۇشۇ سۆز ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن: تەرك قىل _ تېز قىل.
1 - 455
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
① چاپسان، ② دەرھال، چاققان؛ تەرك كەل - تېز كەل
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
تاشلاش.
تەرك ئەتمەك. تەرك قىلماق.
ئۇ ئۇيالغىنىدىن دۇكىنىغا بېرىشتىنمۇ تەرك قىلىش پىكرىگە كېلىشكە ئاز قالغانىدى.